بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر-ئاخبارات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە يىغىندا سۆز قىلىپ، دۇنيادا ئەڭ ئېغىر ۋە داۋالاشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان يارا شەرقىي تۈركىستان يارىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يىغىنغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى. دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى، ئۇيغۇر دىيارىدا تارىختا قۇرۇلغان دۆلەتلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، ھازىرقى ئەھۋالى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇملىرىنى ئاڭلاتتى.
دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار سۆزىدە، ئۇيغۇر دىيارىدا قانداق ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانلار تۇنجى قېتىم ئىشغالىيەتكە ئۇچرىغاندا قارشىلىق كۆرسەتكىنىگە ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئازادلىق ئۈچۈن قارشىلىق ھەرىكەتلەر ۋە كۈرەشلەر داۋام قىلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار ئىشغالىيەتكە ھەرگىز باش ئەگمەي قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ نۇرغۇن ئەمەلىي مىساللىرى بار، ئەمما يېقىن زاماندىكى مىساللارنى ئۆرنەك كۆرسىتىدىغان بولساق، 1990-يىلى بارىندا يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلابى. 1997-يىلى يۈز بەرگەن غۇلجا قەتلىئامى. 2009-يىلى 7-ئايدا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىق كۈرەشلىرى ھېسابلىنىدۇ.
دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى : بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى قوغداشنى ئەڭ مۇھىم كۈرەش ساھەلىرىنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسىي كۈرەشلىرى دىنىي ئېتىقادى ئەركىنلىك بىلەن ياشاش. ئۇيغۇرلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈرك خەلقلەر ئوتتۇرىدا چوڭ بىر پەرق بار، ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقادى ئەنئەنىلىرىنى ھەرگىز ئۆزگەرتمىدى، دىنىي ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئۇيغۇرلارغا دىنى بېسىم قىلىۋاتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ مەسىچىتلەرگە كىرىشنى چەكلىدى. ۋاپات بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ جىنازا نامىزىنى كۈندۈزى ئوقۇش چەكلەندى. جىنازا نامىزى يا بامدات نامىزىدىن كېيىن ياكى ئاخشىمى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، كۈندۈزى ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاتتىق زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ، «خىتاي ئىسكەنجىسى» دېگەن ئوقۇم بىلەن مەشھۇر بولغان خىتاينىڭ ۋەھشىيىلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. خىتاينىڭ پۈتۈن زۇلۇم ۋە بېسىملىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ روھىدىكى ئەركىنلىك ئارزۇسىنى ھەرگىز بوشاشتۇرالمىدى. بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا خىتايغا قارشى كۈرەشچان مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان، بېشى ئېگىلمىگەن نۇرغۇن يىگىتلەرنى كۆرەلەيمىز. خىتاينىڭ ئالتۇن قەپەسلىرىگە كىرىشنى خالىمىغان ئۇيغۇرلاردىكى ھەقىقەت چۈشەنچىسى ئۇلارنى زۇلۇمغا باش ئەگدۈرمىدى.
دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار سۆزىدە يەنە يىغىن ئەھلىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىمىز، دۇنيادا قانداق ھەرىكەت قىلىش ۋە قانداق مەيداندا تۇرۇش. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كىم ئۆزىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنى قىلىش بەك مۇھىم دەپ ئويلايمىز، بىز ئوخشاش جۇغراپىيە، ئوخشاش دىن، ئوخشاش مىللەت، ئوخشاش قېرىنداش بولغانلىقىمىز ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە جىددىي قارىشىمىز كېرەك، ھېچ بولمىغاندا دۇنيادا ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مۇسۇلمانلىق سۈپىتىمىز بىلەن بىر ئىش قىلىشىمىز كېرەك. ئىنسانلارنىڭ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك بۇرچى بولغانلىقى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلىمەن. بۇ خىل يىغىنلارنى كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئاچىمىز دەپ ئويلايمەن ۋە بۇنىڭغا ئىشىنىمەن.
بىز بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل ياشلار بۆلۈمىنىڭ ئىدارە رەھبەرلىرىدىن بارات بۈيۈك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
بارات بۈيۈك ئەپەندى«قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى؟ بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسى مەقسەت نېمە؟ ئالدى بىلەن بۇ يىغىن توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەمسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
-بۇ يىغىنغا تۈركىيىنىڭ كەلگۈسى ئىز باسارلىرى بولغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە كۆپلىگەن كىشىلەر قاتناشتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىسى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. بىز ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمان مەزلۇم ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز ۋە ياردەم قولىمىزنى ئۇزىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. سۈرىيە ۋە پەلەستىن توغرىسىدىمۇ پروگراممىلار ئۇيۇشتۇردۇق، ئەمما ھەقىقەتەن شەرقىي تۈركىستان ئۇنتۇلغان بىر رايون، ئىنسانلار قىيىن ئەھۋالدا قالغان بىر رايون، پەلەستىن ۋە سۈرىيە مەسىلىسى كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتىدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈنتەرتىپتە ئەمەس، شەرقىي تۈركسىتاننى ئىنسانلار ئۇنتۇلغان ۋەزىيەتتە، بىز بۇ ئۇنتۇلغان يەرنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ۋە قېرىنداشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىش مەقسىتىدە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇردۇق. مېنىڭچە شەرقىي تۈركىستان دۇنيادا مەزلۇملار ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغان يەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەردە ئىنسانلار ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتىدۇ، دىندىن ئۇزاقلاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ، بىز شەرقىي تۈركسىتانغا ئوخشاش ئۇنتۇلغان يەرلەرنى خاتىرىلىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز، بىز ئۈچۈن ئىرق، دىن، تىل ئايرىمىچىلىقى يوق، مەزلۇم ئىنسانلارنىڭ يېنىدا بولۇش بىزنىڭ ئەڭ ئاساسىي ۋەزىپىمىزدۇر. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بىلىمىز، ئۇلارنى ھەر زامان ياد ئېتىمىز، ئۇلارغا دۇئا قىلىمىز، ئۇلار ھېچقاچان شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، دۇنيادا ھەر كىم ئۇلارنى ئۇنتۇغان تەقدىردە بىز ئۇلارنى ئۇنتۇمايمىز، بىز بىر قېرىنداش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر زامان ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىمىز.