ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيالىيلار ۋە مەدەنىيەت قوغدىغۇچىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئىلگىرى، " ئاماننىسا "، " نورۇز"، " مۇقام" قاتارلىق ئىسىملارنىڭ تاۋار ماركىسى بولۇپمۇ ھاراق ماركىسى قىلىنىشى توسۇپ قېلىنغان ئىدى، ھالبۇكى يېقىندا يەنە " دولانلىقلار " ماركىلىق ھاراق پەيدا بولغان بولۇپ، مەزكۇر نامنىڭ ھاراققا چاپلىنىشى ئۇيغۇر جامائىتىدە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلىۋاتقان بولسا، مەزكۇر ھاراقنىڭ ئالاھىدە ئەرزان بولىشى بۇ ھاراقنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەم سۈپىتىگە نىسبەتەن كىشىلەردە گۇمان قوزغىماقتا ئىكەن.
دولان داڭ چىقارغاندىن بۇيان
"دولان" ئۇيغۇر مىللىتى تەركىبىدىكى بىر تارماق قەبىلىنىڭ نامى بولۇپ، تارىخىي يادنامىلەردە دولانلارنىڭ ئۇيغۇر قوۋمى ئىكەنلىكى، دولان مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ناھايىتى ئىشەنچلىك مەلۇماتلار بار.
ھازىرقى دولانلار تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى مەكىت ناھىيىسىدە بىر قەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ مەكىتكە خوشنا ئاۋات، سېرىق بويى، ئاقساق مارال، شامال قاتارلىق جايلىرى ۋە ئاقسۇ ئاۋاتنىڭ غورۇچۆل دېگەن يېرىدىمۇ دولان مەدەنىيىتىنىڭ ئىزنالىرى خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ.
دولان مۇقامى ھەم مەدەنىيەتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت تۈرىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن دولان نام ھەر ساھەنىڭ ھەر كىشىنىڭ ئالاھىدە قىزىقىش قوزغايدىغان بىر نام بولۇپ قالدى.
دولاننى كىشىلەر تەخەللۇسى قىلىپمۇ قوللاندى، تاۋار ماركىسىمۇ قىلىۋالدى. سەنئەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ نامىمۇ قىلىندى. دولان تالاش تارتىشتا قالغان ئاشۇنداق بازارلىق بىر نام بولىۋاتقان ھازىرقى پەيتتە "دولانلىقلار" ماركىلىق ھاراق ھەققىدە يوللانغان بىر ئۇچۇر ، دولانلىقلار مۇنازىرە تورى ئارقىلىق باشقا ئۇيغۇر توربەتلىرىگە چاپلىنىپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان بىر تېما بولۇپ قالدى.
سۇدىنمۇ ئەرزان "دولانلىقلار" ماركىلىق ھاراق
تېما يوللىغۇچىنىڭ تەسۋىرلىشىچە، يېقىندا ئۇ بىڭتۈەن 3 - دېۋىزىيىسى 45 - پولك مەيدانىدىكى بىر بازاردا " دولانلىقلار" ماركىلىق بىر ئاق ھاراقنى ئۇچراتقان بولۇپ، 38 گرادۇسلۇق بۇ ھاراق مېنىرال سۇدىنمۇ ئەرزان باھادا بولۇپ، توپ سېتىلىشى ئىككى يېرىم يۈەن، پارچە سېتىلىشى ئۈچ يۈەن ئىكەن.
دولانلىقلاردىن ئىبارەت مەدەنىيەت قاتلىمىنى ئۆزىگە ماركا قىلغان بۇ ھاراقنىڭ يېشىكىگە "شىنجاڭ. ئاۋات ناھىيىسى "دولان" ھاراق چەكلىك شىركىتى دەپ يېزىلغان ئىكەن.
"دولانلىقلار" نىڭ ھاراققا ماركا قىلىنىشى "دولان" غا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر قېتىملىق ھاراق ماركا ئىختىلاپى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئوقيا ماركا ۋاكالەتچىلىك تورىدا بېرىلگەن بىر ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە بۇنىڭدىن تۆت بەش يىل ئىلگىرىمۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بيەن فامىلىلىك بىر خىتاي " دولان " دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچىسىنى ھاراق، ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر تۈرىگە رويخەتكە ئالدۇرۇپ، زاۋۇت قۇرۇپ، "دولان" ماركىلىق ئاق ھاراقنى ئىشلەپچىقارغان، ئەمما دولان ماركىلىق ھاراق بازار تاپالماي، ئۇنىڭ تىجارىتى ئۇزاق داۋاملاشماي ۋەيران بولغان، ھالبۇكى بيەن يەنە "دولان" دېگەن ماركىنى ھەممە جايدا تەڭ تەشۋىق قىلىپ، "30 مىليون يۈەنگە ساتىمەن" دەپ جار سېلىپ يۈرگەن ئىكەن.
"دولانلىقلار"نى ماركا قىلىۋالغان ساختا مەھسۇلات
دولان مەدەنىيەت كاتېگورىيىسىگە كىرىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر دولان مەدەنىيىتىنى ياراتقان ۋە شۇ مەدەنىيەتنى ساقلاپ كېلىۋاتقان خەلقنىڭ ئورتاق نامى.
خىتاينىڭ ماركا قانۇنىنىڭ 10ماددىسىدا" مىللىي كەمسىتىش تۈرىدىكى بەلگىلەرنى ماركا قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ" دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇننىڭ يەشمىسىدە دۇنيادىكى ھەر قايسى ئېرىق، ھەرقايسى مىللەت، قەبىلىلەرنىڭ نامى ھەمدە مەلۇم بىر رايوندىكى خەلقنىڭ ئورتاق نامىنى ماركا قىلىپ قوللىنىشقا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا بەلگىلىمە بار.
ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالدا، ئۆزىنى "دولان" دەپ ئاتايدىغان خەلقنىڭ كۆپ سانلىق ئەزاسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ. ھاراق ئىسلام دىنىدا ئىچىش چەكلەنگەن ئىچىملىك. "دولان" دېگەن نامنى ھاراققا ماركا قىلىش كۆپ سانلىق دولان خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە مۇخالىپ كېلىدۇ. بۇ دەل ماركا قانۇنىنىڭ 10 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنىڭ چەكلەش دائىرىسىگە،كىرىدۇ.
مەكىت ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىر ئىككى يىل ئىلگىرى "دولان" نى جۇغراپىيىلىك جاي نامى بىلەن ئاتىلىدىغان ئىسپات ماركا قىلىپ قوللىنىش ئۈچۈن دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا رەسمىي ئىلتىماس سۇنغانلىقى مەلۇم.
بىز دولانلىقلار نىڭ ھاراق ماركىسى قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەكىت ناھىيىسىنىڭ خەۋىرى بار يوقلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن. مەكىت ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىن بىر كادىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇنداقتا دولان دېگەن نامنى ھەر قانداق كىشى ھەر قانداق مەھسۇلاتقا ماركا قىلىپ قوللىنىۋەرسە بولامدۇ ؟ " دولانلىقلار رەسمى رويخەتكە ئېلىنغان قانۇنلۇق ماركىمۇ ؟بۇ نامنى ھاراققا چاپلاشقا كىم رۇخسەت بەردى ؟
بىز بۇ ھەقتە دولانلىقلار ماركىلىق ھاراقنىڭ يېشىكىگە يېزىلغان ھاراق ئىشلەپچىقارغان ئادرېس بويىچە، شىنجاڭ ئاۋات ناھىيىلىك دولان ھاراق چەكلىك شىركىتىدىن سوراپ كۆرۈش ئۈچۈن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تېلېفون نومۇرى سۈرۈشتە قىلىش ئورنى ھەمدە ئاۋات ناھىيىلىك سودا باشقۇرۇش ئىدارىسى،ئاۋات ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرىدىن سوراپ كۆرگىنىمىزدە، بۇنداق بىر شىركەت ھەم زاۋۇتنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ئاشكارىلاندى.
" تاۋارنىڭ سۈپىتى ياخشى بولمىسا بىكار... "
گەرچە دولان ھاراق چەكلىك شىركىتى مەۋجۇت بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ تازىلانغان سۇدىنمۇ ئەرزان ھاراق مەھسۇلاتىنىڭ يېزا بازارلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى بىر ھەقىقەت. بۇ ھاراقنىڭ باھاسىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ سۈپىتىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا تۆۋەن كىرىملىق كىشىلەرنى يەنى يېزىلاردىكى دېھقانلارنى نىشان قىلغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
" تاۋارغا ھەر قانداق داڭلىق ئىسىمنى ماركا قىلىپ تاللىغاندىمۇ، شۇ ماركىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تاۋارنىڭ سۈپىتى ياخشى بولمىسا، ماركىنى ھەرقانچە داڭلىغان بىلەنمۇ، بۇنداق تاۋارنى ئىستېمالچىلار ئالقىشلايدىغان ئېسىل مالغا ئايلاندۇرۇش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس."
بىزنىڭ ئاقسۇ ئاۋات ناھىيىسىدىكى مەلۇم ئۇيغۇر رېستوران خوجايىنى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز بۇنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ.
بۇنىڭ ئالدىدىلا تېخى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا مەلۇم خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن " گۇلى" نامىنىڭ، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىغا ماركا قىلىنغانلىقى، "نورۇز"، "ئاماننىسا، "دولان" ناملىرىنىڭ ھاراق ماركىسى قىلىنغانلىق، شۇنىڭدەك ھېيتگاھ جامائەسىنىڭ ھاراق بوتۇلكىسىغا چاپلانغانلىقىغا ئوخشاش مەسىلىلەرگە قارىتا زور نارازىلىقلار مەيدانغا كېلىپ، بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قانۇنىي يوللار بىلەن ئىش كۆرۈشى ھەم كۆپ تىرىشچانلىق ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى،مەدەنىيىتى، غۇرۇرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەزى مۇقەددەس ناملارنىڭ تاۋار ماركىسى قىلىنىشىدىن ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن ئۇيغۇر ناملىرى نامۇۋاپىق ھالدا خىتاينىڭ سۈپەتسىز تاۋار ماركىلىرى بولۇپ قالماقتا.