بۈگۈن ئەنقەرە "رىكوس گراند" مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى باشلىقى پروف. در. بۈلەنت ئارىنچ، تۈركىيە باش مىنىستىرلىق ئاخبارات ۋە ئىنفورماتسىيە ئىدارىسى باشلىقى مۇرات قاراقايا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى بۈلەنت ئارىنچ قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
دۆلەت مىنىستىرى بۈلەنت ئارىنچ تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو ئارقىلىق خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇلاردىن باشقا ھەر قايسى تۈركىي تىللاردا تور بەتلىرى ئېچىش ئارقىلىق ئاخبارات خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، ئاخبارات ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "تۈركىيە، شەخسىي ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە دۆلەت ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن مول ئاخباراتچىلىق تەجرىبىسىگە ئىگە. بۇ تەجرىبە ئۆز - ئارا ھەمكارلىشىش ئۈچۈن بەك مۇھىم. تۈركىيە دۆلەت رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە ئىدارىسى دۇنياۋى ئاخباراتچىلىق قىلىشقا باشلىدى. ‘دۇنيانى تۈركچە بىلەن چۈشىنىڭ! ‘ شوئارى بىلەن 24 سائەت تارقىتىش قىلىۋاتقان ‘ت ر ت تۈرك’ تېلېۋىزىيىسىنى ھازىر پۈتۈن دۇنيادىن كۆرگىلى بولىدۇ. ت ر ت ئاۋاز ناملىق قانال 6 تۈركىي تىلدا تارقىتىۋاتىدۇ. يېقىندا ئەرەبچە بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ئاچتۇق. بۇلاردىن باشقا 30 تىلدا رادىئو ئاڭلىتىشىمىز مەۋجۇت، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىي تىللارمۇ بار. يېقىندا تۈركىيە ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى پۈتۈن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئالاھىدە يىغىن چاقىردى. شەخسىي ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئىش بېجىرىش ئورگانلىرى تەسىس قىلماقتا. قېرىنداش مىللەتلەر پەقەتلا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىلا ئەمەس، ئادرىياتىك دېڭىزىدىن، قاراقۇرۇم تېغىغىچە بولغان كەڭ زېمىندا ياشىماقتا. بۇ يەردە چاقىرىلغان 'تۈركىي دۆلەتلەر ئاخبارات مۇنبىرى' ناملىق يىغىننىڭ بۇندىن كېيىنكى ھەمكارلىقىمىزغا تۆھپە قوشۇشىنى تىلەيمەن."
كېيىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "قىرغىزىستاندا بىر ۋەقە يۈز بەرگەندە كۆڭلىمىز يېرىم بولمىسا، مۇخبىرلار بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە يەتكۈزمىسە دوست ۋە قېرىنداش مىللەت دېگەن قۇرۇق گەپكە ئايلىنىدۇ. قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ بىر-بىرىدىن خەۋەردار بولۇشىدا مەتبۇئاتنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ."

كېيىن قازاقىستان "ئايقىن" گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى نۇرتۆرە جۆسۈپ "دېموكراتىك جەمئىيەت قۇرۇشتا مەتبۇئاتنىڭ رولى" تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق ھالدا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 5 ماددىلىق تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى: "قازاقىستاندىكى مۇخبىرلار ۋە ژۇرنالىستلار پۈتۈن خەۋەرلەرنى رۇسىيە مەنبەلىرىدىن ئالىدۇ. ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندا بولۇۋاتقان ۋەقەلەرنى رۇسىيىنىڭ كۆز قارىشى بىلەن تەھلىل قىلىدۇ. بۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەكلىپىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.
1. تۈركىي مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا خەۋەر مەنبەلىرى تۈركىي تىللىرىدا بولۇشى كېرەك.
2. ھەر قايسى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىكى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا خەۋەر ئالماشتۇرۇش توختامنامىسى تۈزۈلۈشى كېرەك.
3. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىكى تور بەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش.
4. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئورتاق تېلېۋىزىيە پروگراممىسى قۇرۇشى كېرەك.
5. قېرىنداش مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرىدا مەن دەپ ئۆتكەن ھەمكارلىقنى تەكشۈرىدىغان مېخانىزمىنىڭ قۇرۇلۇشى كېرەك.
تۈركىيە "ت ۋ8" قانىلىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى پروف. در. ھالۇق شاھىن "يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە دېموكراتىيە" تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ، ئاخبارات ئەركىنلىكى بولماي تۇرۇپ دېموكراتىيە بەرپا قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى، دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئاخباراتنىڭ مۇنازىرە مەيدانىلىق رولى ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە 1990-يىلىدا ئىنتېرنېت مەيدانغا چىققاندىن كېيىن، ئەنئەنىۋى ئاخباراتچىلىقنىڭ يوق بولۇشقا يۈز تۇتقانلىقى، يېڭى ئاخبارات مەزگىلىگە كىرگەنلىكى، بۇرۇن قانداق خەۋەرنىڭ بېرىلىدىغانلىقىنى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ھېچقانداق خەۋەرنى يوشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىندا "پۈتۈنلۈشىۋاتقان دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە مەسىلىلەر"، "دۇنيانىڭ پۈتۈنلىشىۋاتقان كۈنىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دېموكراتىيىلىشىشكە بولغان تەسىرى"، "تۈرك دۇنياسىدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقتا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولى"، "تۈرك دۇنياسىدا مەتبۇئات ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىپلوماتىيىدىكى رولى" قاتارلىق تېمىلاردا ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇلۇپ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلماقچى. بۇلار بىلەن بىرلىكتە تۈركىي دۆلەتلەردىكى ئاخبارات ئورگانلىرى مەسئۇللىرى ۋە ژۇرنالىستلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى قانداق قىلىپ كۈچەيتىش ۋە بۈگۈن ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلماقچى.
بۇ يىغىننى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى بىلەن تۈركىيە باش مىنىستىرلىق ئاخبارات ۋە ئىنفورماتسىيە ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.