خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 'دۆلەت بايرىمىنى قوغداش' ئۈچۈن 200 مىڭ ساقچى سەپەرۋەر قىلغان

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 'دۆلەت بايرىمىنى قوغداش' دېگەن نام بىلەن 200 مىڭ ساقچى سەپەرۋەر قىلغان. خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىغا تايىنىپ، 10 ‏- ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئۆيمۇ-ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان.

0:00 / 0:00

مېھمانخانىلار، ئىجارىگە بېرىلگەن ئۆيلەر تەكشۈرۈش نىشانى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدە مېھمانخانىلار، ئىجارىگە بېرىلگەن ئۆيلەر، ھەتتا يىراق جايلاردىكى مەھەللىلەرمۇ تەكشۈرۈش نىشانى قىلىنىدىكەن.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى' دە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پىلانلىغان بۇ ھەرىكەتنى قەشقەر، كۇچار، خوتەن قاتارلىق سەزگۈر رايونلاردا تېخىمۇ قاتتىق ئېلىپ بارىدىكەن. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى مەلۇم بىر كىشىنى 'جىنايەتچى' دەپ قارىسا، ئۇنىڭ ئائىلىسى، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى، خۇلۇم-قوشنىلىرىدىن ھەتتا پۈتۈن مەھەللىدىن جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇنلارغىمۇ، ئۆزىنىڭ دۆلەت قانۇنىغىمۇ خىلاپ

ۋاشىنگتوندىكى كرىستاين ياڭ ئادۋوكات شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇنلارغىمۇ، ئۆزىنىڭ دۆلەت قانۇنىغىمۇ خىلاپ.

ئائىلىسى، خۇلۇم-خوشنىلىرىمۇ گۇناھكار، دېگەننى قانۇن تىلى بىلەن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس

ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى خىتايدىكى قانۇن بىلەن خەلقئارادىكى قانۇنلارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بىر كىشى ئاتالمىش گۇناھكار بولغان بولسا، ئۇنىڭ ئائىلىسى، خۇلۇم-قوشنىلىرىمۇ گۇناھكار بولىدۇ، دېگەننى قانۇن سۆزى بويىچە ياكى مەنتىقە بويىچە چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.

بۇ --خىتاينىڭ ئۇيغۇرغا قوللىنىۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقى

ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر 'دۆلەت بايرىمىنى قوغداش' دېگەن نام بىلەن 200 مىڭ ساقچى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى-- خىتاينىڭ ئۇيغۇرغا قارىتا قوللىنىپ كېلىۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىياسەتلىرىدىكى خاتالىقلارنى تەكشۈرۈشى كېرەك.