بۇ يىل 35-قېتىملىقى ئېلان قىلىنغان بۇ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ماددىلار بويىچە تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمى مۇنداق دەپ باشلىنىدۇ:
3.1 مىليارد نوپۇسقا ئىگە بولغان خىتاينى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى باشقۇرۇپ كەلمەكتە. كوممۇنىست پارتىيە دۆلەتتىكى بارلىق ھوقۇقلارنى ئۆز قولىغا ئېلىۋالغان. خۇ جىنتاۋ بىرلا ۋاقىتتا كوممۇنىست پارتىيە باش سېكرېتارى، پرېزىدېنت ۋە مەركىزى ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىدىن ئىبارەت 3 مۇھىم ۋەزىپىنى قولىدا تۇتىدۇ. خىتايدا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى داۋام قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي جەمئىيەت، تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىكى رولىنى چەكلەپ، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكىنى توسۇش، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى جىمىقتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرماقتا.
دوكلاتتا خىتايدا بۇ بىر يىل ئىچىدە كۆرۈلگەن ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى 25 تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ، بۇلار سوتسىز ئۆلۈم، خالىغانچە قولغا ئېلىش ۋە مەجبۇرىي غايىب بولۇش، قېيىن -قىستاق ۋە مەجبۇرىي ئېتىراپ قىلدۇرۇش، ژۇرنالىست، يازغۇچى، مۇخبىر ۋە ئۆكتىچىلەرنى قولغا ئېلىش، ئادالەتسىز سوت سىستېمىسى، يىغىلىش ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك، ئەركىن ساياھەت قىلىش ھوقۇقىنى چەكلەش، باشقا دۆلەتلەرگە خىتاي پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاياللارغا، مېيىپلارغا ئايرىمىچىلىق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى يۇقىرىدىكى تۈرلەرنىڭ ئاساسەن ھەممىسىدە دېگۈدەك تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىدىكى تۈرلەر بويىچە ئۇچرىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مىساللار بىلەن بايان قىلىنغان. دوكلاتنىڭ خىتايدىكى ئۆز مەيلىچە ۋە قانۇنسىز ئۆلۈم جازالىرى دەپسەندىچىلىكى قىسمىدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «2009-يىلى نويابىردا 8 ئۇيغۇر ۋە بىر خىتاي ھېچقانداق قانۇنىي سوت تەرتىپى ئېلىپ بېرىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. يىل ئاخىرىدا جەمئىي 26 كىشى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. 9 ئى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەتلا 3 ئى خىتاي، قالغانلىرى ھەممىسى ئۇيغۇر.»
خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ، تونۇلغان شەخسلەرنىڭ ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خەتەرلىك دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىش ئەھۋالى ھەققىدە توختالغان دوكلاتتا، خىتايدا يۇقىرىقىدەك شەخسلەر زېھنى ئاجىز دېگەن قالپاق بىلەن ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا سولىۋېتىلىدۇ، دەپ بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتايدا 1998-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 40 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا سولانغان. ئۇنىڭدا يەنە، 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي قانۇنىدا قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئائىلىسى 24 سائەت ئىچىدە خەۋەردار قىلىنىدۇ، دەپ بېكىتىلگەن. ئەمما خىتايدا قانۇندا بېكىتىلگەن بۇ ماددا ئىجرا قىلىنمايدۇ. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئائىلىسى كۈنلەرچە ھېچقانداق ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىنمايدۇ. خىتاي قانۇنىدا يەنە، ئەرزدارلار يۇقىرىغا ئەرز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە دېيىلگەن، ئەمما ھەرقايسى ئۆلكە-شەھەرلەردىن بېيجىڭغا ئەرز قىلغىلى كەلگەنلەر خالىغانچە قولغا ئېلىنىدۇ، تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ. ھەتتا زورلۇق-زومبۇلۇققا ئۇچرايدۇ.»
دوكلاتتا يۇقىرىدىكى ئەھۋالغا ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قاتناشقان دەپ قولغا ئېلىنغان نۇرۇل ئىسلام شەربازنىڭ ئەھۋالى مىسال قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ، ۋەقەگە ئالاقىدار دەپ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ خېلىغىچە ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالالمىغانلىقى، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەنلىكى، ئاقسۇدىكى بىر سوتتا 30 مىنۇتلۇق سوت بىلەنلا ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭدىن سىرت ژۇرنالىست غەيرەت نىيازنىڭ ھېچقانداق ئوچۇق-ئاشكارا سوت تەرتىپى ئۆتكۈزۈلمەي تۇرۇپلا 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىمۇ مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا خىتايدىكى سىياسىي ۋە دىنىي كۆز قاراش سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان سىياسىي جىنايەتچىلەر مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ: «خىتاي دائىرىلىرى ھېچقاچان خىتايدىكى سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ پەقەت سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشىمىغانلىقتىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما خىتايدا پەقەت سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈنلا تۈرمىدە يېتىۋاتقان مىڭلارچە سىياسىي مەھبۇس بار. خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بۇ سىياسىي مەھبۇسلار بىلەن ئۇچرىشىشىغا رۇخسەت قىلماي كەلمەكتە. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا، ۋاڭ بىڭجاڭ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر پائالىيەتچى دىلكەش تىلىۋالدى، خۇ مىڭجۈن قاتارلىقلار بۇ كىشىلەرنىڭ پەقەتلا بىر قانچىسى.»
بۇ دوكلاتنىڭ داۋامىنى كېيىنكى پروگراممىمىزدا ئاڭلايسىلەر.