يېقىندا خىتايغا قېچىپ كەلگەن 30 غا يېقىن شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ۋە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، خىتاينى خەلقئارالىق قانۇنلارغا رىئايە قىلىپ، مۇساپىرلارنى شىمالىي كورىيىگە قايتۇرماسلىققا ۋە ئۇلارغا ئىنساندەك مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى.
مەزكۇر يىغىندا كىرىستوفېر سىمىس، ئېدۋارد رويس قاتارلىق مەجلىس ئەزالىرى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئىلگىرى شىمالىي كورىيىدىن قېچىپ كەلگەن ۋە ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلار ۋەكىللىرى قاتنىشىپ گۇۋاھلىق بەردى. يىغىندا ئالدى بىلەن دۆلەت مەجلىس ئەزاسى ۋە خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى باشلىقى كىرىستوفېر سىمىس سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن مۇساپىرلار قانۇنىنىڭ 33-ماددىسىدا ناھايىتى ئوچۇق قىلىپ، «ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ بىر مۇساپىرنى مىللىتى، دىنى، ئائىت گۇرۇپپىسى ياكى سىياسىي پىكىرلىرى تۈپەيلىدىن ھاياتى ۋە ئەركىنلىكى خەۋپكە ئۇچرايدىغان دۆلەتكە ھەرقانداق بىر سەۋەب بىلەن قايتۇرۇپ بېرىشىگە بولمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ، بۇ شىمالىي كورىيىلىكلەر ئەگەر قايتۇرۇلغان تەقدىردە ئۇلارنىڭ تەن جازاسى ۋە ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «شىمالىي كورىيە لىدىرى كىم جۇڭئۇن سابىق لىدىر كىم جۇڭئىلنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبىدىن ئېلان قىلىنغان 100 كۈنلۈك ماتەم مەزگىلىدە قېچىشقا ئۇرۇنغان كىشىلەرنى 3 ئەۋلادىنى قوشۇپ قۇرۇتۇۋېتىش بىلەن تەھدىت قىلغان. شۇنى ئوچۇق قىلىپ ئېيتىمەنكى، مەن ئۇنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.
2010-يىلى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، شىمالىي كورىيىدىن خىتايغا قېچىپ كېلىپ يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن مۇساپىرلارنىڭ سانى 30-50-مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ مۇساپىرلار خىتايغا قېچىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا قورقۇنچ ۋە خەۋپ ئىچىدە ياشايدىكەن. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن شىمالىي كورىيىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن مۇساپىرلارنىڭ شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى، قېيىن-قىستاققا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئېلىنغانلىقى ۋە ھەتتا جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم. كىرىستوفېر سىمىس سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلارنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى «قانۇنىسىز ئىقتىسادىي كۆچمەنلەر» دەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە خىتاينى خەلقئارا مۇساپىرلار قانۇنىغا ئېغىر ھالدا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
شىمالىي كورىيە ئەركىنلىك فوندىنىڭ باشلىقى سۇزان خانىمنىڭ يىغىندا گۇۋاھلىق بېرىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھېچقانداق باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ياكى خەلقئارالىق ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايغا بېرىپ شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماي كەلگەن. ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ تەكشۈرگۈچى خادىملىرىنىڭ خىتايغا بېرىپ، مۇساپىرلارنى تەكشۈرۈشى، ئۇلارنى جازالىشى ۋە ئۇلارنى يالاپ كېتىشىگە يول قويغان. سۇزان خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر بۇ مۇساپىرلارنى جەنۇبىي كورىيىگە سالامەت ئۆتكۈزۈۋەتسە، تېخىمۇ كۆپ مۇساپىرنىڭ خىتايغا كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى كىم جۇڭئۇننىڭ دۆلەتنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھېچقانداق بىر قەدەم ئاتماسلىقىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ-دە، نەتىجىدە شىمالىي كورىيە مۇساپىر ئىشلەپچىقىرىشنى داۋام قىلىدۇ». سۇزان خانىم سۆزىنىڭ داۋامىدا، شىمالىي كورىيىلىكلەرنىڭ قاچان ئۆز دۆلىتىدە ۋەزىيەت ياخشىلانمىغۇچە قايتۇرۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلار مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىدۇ.
مەزكۇر يىغىندا ھەرقايسى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش ھەققىدە يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتمىگەنلىكىنى شىكايەت قىلغان. ئۇلار بۇنى، خىتايدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ داۋاملىق تەكرارلىنىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتكەن. دۆلەت مەجلىس ئەزاسى كىرستوفېر سىمىس ئۆز سۆزىدە ب د ت نىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىدە خىتايغا پەقەت بىر قانچە ئېغىز ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇش بىلەنلا بولدى قىلماي، جىددىي ۋە ئەمەلىي قارارلارنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن بولسا، ئامېرىكا خۇدسون تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پېشقەدەم تەتقىقاتچىسى مايكىل خورۋىز ئەپەندىمۇ ب د ت نى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلەيدۇ. مايكىل ئەپەندى سۆزىدە ب د ت نى خىتايدىكى مۇساپىرلار مەسىلىسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە پاسسىپ مۇئامىلە قىلىش بىلەن تەنقىد قىلىدۇ ۋە «ب د ت ۋەزىيەتتە تۈپتىن ئۆزگەرتىش ياساش ئىمكانىغا ئىگە» دەپ ئەسكەرتىدۇ. مايكىل ئەپەندى يەنە ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى بىر قىسىم دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئېنىق بولماسلىق» بىلەن تەنقىد قىلىدۇ. ئۇ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئامېرىكىنىڭ ۋاز كېچىپ بولماس قىممەت قارىشى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ئۆز پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، خىتاي بىلەن بولغان ھەرقانداق بىر سۆھبەتتە چوقۇم ئالدى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلەيدۇ.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكا ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى ت كۇمار ئەپەندى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ئۇچرىشىشنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنى مۇساپىرلار مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ياخشىلاش ھەققىدە خىتايغا جىددىي بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى يىللاردا چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدىمۇ كۆپ قېتىم تەنقىدكە ئۇچرىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە ئوخشاش قوشنا دۆلەتلەرگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى بۇ دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىش ۋە ياكى باشقا يوللار ئارقىلىق قايتۇرۇپ ئەكەتمەكتە. قايتۇرۇپ كېتىلگەن مۇساپىرلار بەزىلىرى ئېغىر تۈرمە جازالىرىغا ۋە ئۆلۈم جازالىرىغا ئۇچرىغان بولسا، بەزىلىرىنىڭ ئاقىۋىتى پۈتۈنلەي ئېنىقسىز. يېقىندىن بۇيان يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غەرب ئەللىرىدە مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى ئىزدەپ ئۇلارنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىمۇ ئاشكارىلانماقتا.