يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن بەزى پائالىيەتچىلەر، خىتاينىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، نوقۇل سىياسىي، ئىقتىسادىي مەسىلە بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى، بۇنىڭ يەنە ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان.
يىغىننى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا قاراشلىق ئافرىقا، يەر شارى سالامەتلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر شۆبە كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا كومىتېت رەئىسى جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرستوفېر سىمىت ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان
يىغىندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ت. كۇمار، چېگرىسىز ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى رېگېي لىتېلجون، ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىدىغان خرىستىئان دىنىي تەشكىلاتى-«جۇڭگوغا ياردەم» جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى پوپ فۇ شىچيۇ، ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى نوپۇس تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ستېۋېن موشېر قاتارلىق كىشىلەر گۇۋاھلىق بەرگەن.
يىغىندا كىرستوفېر سىمىت خىتاينىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ھامىلىنى مەجبۇرلاپ چۈشۈرۈش نيۇرېنبۇرگ خەلقئارا ئۇرۇش جىنايەتچىلەر سوتىدا ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارالغانلىقى، خىتايدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يولغا قويۇلغان 33يىلدىن بۇيان، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇقى ئۇچرىغان بۇزغۇنچىلىقنىڭ كۆلىمىنى ھېچقانداق دەۋرگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن «جۇڭگوغا ياردەم جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى، پوپ فۇ شىچيۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىنى ئۈلگە قىلىپ، خىتاينىڭ بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە، مەجبۇرلاپ تۇغماس قىلىش ۋە مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈشكە قارشى كونكرېت تەدبىرلەرنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، ئوباما ھۆكۈمىتىنى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى قاتارىدا كۆرۈشكە، بۇ مەسىلىنى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادىي-ئىستراتېگىيە دىئالوگىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشكە چاقىرىپ: بىز يەنە ئامېرىكا ئاۋام، كېڭەش پالاتالىرىنىڭ بىرلەشمە قارار ماقۇللاپ، ئامېرىكا ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى بىكار قىلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلەشكە چاقىرىق قىلىمىز، دېگەن.
پوپ فۇ شىچيۇ چارشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: بۇ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسىلىسى. ھالبۇكى بۇ يەنە ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىكى ھاياتلىقنى قەدىرلەش ۋە قوغداش مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. بۇنىڭغا پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاياللارنىڭ تۇغۇش ھوقۇقى ۋە قورساقتىكى ھامىلىنى قوغداش نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، بۇ جۇڭگو ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىشى كېرەك. بىراق جۇڭگو بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن ئىبارەت بۇنداق قەبىھ سىياسەتنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەجبۇرى يولغا قويۇپ، ھەر كۈنى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئايالنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولمايدىغان بۇنداق ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ كۆرسەتتى.
ياۋروپا پارلامېنتى يېقىندا قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەجبۇرلاپ تۇغماس قىلىش ۋە مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈش قىلمىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. قاراردا يەنە ياۋروپا كومىتېتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئارىلاشقان ئورگانلارغا پۇل بەرگەن ۋە پۇل بېرىۋاتىدۇ. بىراق ياۋروپا كومىتېتى پۇل بېرىدىغان پروگراممىلارنىڭ بۇ خىل بۇزغۇنچىلىققا ئارىلىشىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم، دېگەن.
نوپۇس تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ستېۋېن موشېر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتىگە بېرىدىغان ياردەم پۇلىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. موشېر ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتى خىتاينىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قوللاپ، ئۇنىڭغا ھەر يىلى پۇل بېرىپ كەلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سابىق پرېزىدېنت جورج بوز دەۋرىدە ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتىنىڭ خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قوللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ھەر يىلى نوپۇس فوندىغا بېرىدىغان 30 نەچچە مىليون دوللار پۇلىنى توڭلىتىپ قويغان. لېكىن ئامېرىكا پرېزىدېنت ئوباما دەۋرىدە ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتىگە پۇل بېرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىدى.
«جۇڭگوغا ياردەم جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى فۇ شىچيۇ، پىلانلىق تۇغۇت سىياھىنىڭ تەسىرى كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئېغىر ئىجتىمائىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بۇنىڭ سەلبىي ئىجتىمائىي تەسىرى كەڭ كۆلەملىك، تارىخىي خاراكتېرلىك ۋە بۇنى ھەتتا نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر تولدۇرۇپ بولالماسلىقى مۇمكىن. بۇ ھەر بىر ئائىلىنىڭ بولۇپمۇ، ئاياللارنىڭ جىسمانىي سالامەتلىكىگە چېتىلىپلا قالماي، يەنە ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىغىمۇ چېتىلىدۇ. ئەر-ئاياللار نىسبىتىنىڭ بۇزۇلۇشى بۇ جەھەتتىكى ئەڭ زور بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ بىرىدۇر. كەلگۈسىدە 10 يىلدا توي قىلىش يېشىدىكى 30، 40 مىليون ئادەمگە خوتۇن تېپىلمايدۇ. بۇ ئاياللارنى ئېلىپ -سېتىش قىلمىشىنى كۈچەيتىدۇ. جۇڭگو ھازىرنىڭ ئۆزىدە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئادەم بېدىك بازىرى بولۇپ قالدى. ئەر-ئاياللار نىسبىتىنىڭ بۇزۇلۇشى ھەر خىل جىنايەتلەرنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر پەرزەنتلىك سىياسىتى يەنە جەمئىيەتنىڭ قېرىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. 2020-يىلى جۇڭگودا ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 14% گە يېتىپ، ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. قىسقىسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ.
يېقىندا خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى، بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئىككى پەرزەنتلىك تۈزۈمنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بىراق چېگرىسىز ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى رېگېي لىتېلجون خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، ئىككى پەرزەنتلىك تۈزۈم خىتاي جەمئىيىتىدىكى بىر پەرزەنتلىك سىياسەت كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ، 1-پەرزەنتى قىز تۇغۇلغان خىتاي ئەر-خوتۇنلارنىڭ 2-ھامىلدارلىقىدا ئوغۇل تېپىشنى قوغلىشىپ، ھامىلە قىز بولسا ئالدۇرۇۋېتىدىغانلىقى، نەتىجىدە بۇ ئوغۇللارنىڭ كۆپىيىپ، قىز-ئوغۇللار نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا ئىلگىرىلەپ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىككى پەرزەنتلىك تۈزۈم ئاياللارنىڭ ھامىلىسىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈشكە خاتىمە بېرەلمەيدىغانلىقى، 3-پەرزەنتىگە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ داۋاملىق ھامىلە چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتىدىكى پوپ فۇ شىچيۇ يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ: بۇ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا يول قويسىمۇ، بىراق مەزكۇر سىياسەت 3-4 پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە تۇغۇش ھوقۇقى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
پوپ فۇ شىچيۇ ئەپەندى ئەسكەرتىپ: بۇ شىنجاڭدىكى ئىنتايىن ئېغىر بىر مەسىلە. يەنى پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسى يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ شۇ جايدىكى يەرلىك خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ -ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش قىلماسلىق مەسىلىسى. شۇڭا بۇ مەسىلە ئۇيغۇر ئېلىدە ئاياللارنىڭ نوقۇل تۇغۇت ھوقۇقى مەسىلىسىلا ئەمەس. مەن جۇڭگو مەركىزى ھۆكۈمىتىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بەرگەن ئاپتونومىيە ۋەدىسىدە تۇرۇپ، ئۇنى ھەقىقىي ئىجرا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا يول قويسىمۇ، بىراق بۇ سىياسەت ئىنتايىن قەبىھ ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا 3-4 پەرزەنتلىك بولۇشنى ئويلايدىغانلار قانداق قىلىدۇ؟ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى قانداق قىلىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. ھۆكۈمەت ئۇلارغا مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىدۇ. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ھېسسىياتى دەپسەندە قىلىنىپلا قالماي، دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقىمۇ دەپسەندە قىلىنىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.