ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىلىك ھوقۇق داۋاملىق ناچارلاشقانلىقىنى بىلدۈردى
2012.10.10
دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت ئاپتونوم رايونى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئۇلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ئىلگىرىلەپ دەپسەندە قىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە شۇنداقلا خىتاي ئاساسىي قانۇنى، ئاپتونومىيە قانۇنىدا قوغدالغان يەرلىكنىڭ ئۆز ئۆزىنى باشقۇرۇش ئۈمىدىگە ئىلگىرىلەپ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق جاۋاب بەرگەن.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ «قوش تىللىق» مائارىپ سىياسىتى تەنقىد قىلىنىپ، «شىنجاڭ دائىرىلىرىنىڭ مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى يوققا چىقىرىدىغان بۇ خىل قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھەر خىل ئالامەتلەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىدە تېخىمۇ زىيانلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتىنى بەرمەكتە.
خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى، كومپارتىيە مەركىزى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ ۋېيچۈننىڭ بۇ يىل 2-ئايدا ماقالە ئېلان قىلىپ، مىللىي ئاسسىمىلياتسىيىنى قوللىغانلىقى، ۋەھالەنكى بۇنداق ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئىلگىرىلەپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر دوكلات دەل جۇ ۋېيچۈن ۋە كومپارتىيە مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يۈنشەن قاتارلىق كىشىلەر ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ، چارشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە «ئۇلۇغ ۋەتەننى سۆيۈپ؛ گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇش» ناملىق تەلىم-تەربىيە پائالىيىتى كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ۋاقىت بىلەن ئوخشاش بىر كۈندە ئېلان قىلىنغان. خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى، كومپارتىيە مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى، بىرلىكسەپ بۆلۈمى، دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىرلىشىپ قانات يايدۇرغان مەزكۇر پائالىيەت، ئۇيغۇرلارنىڭ «جۇڭگو تەۋەلىك كىملىكى، جۇڭخۇا مىللەتلىك كىملىكى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيەت كىملىكى» نى ئېتىراپ قىلىشىنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي ھەرىكەت.
بەزى ئانالىزچىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇلاردا جۇڭخۇا مىللەتلىك كىملىكى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيەت كىملىكىنى تۇرغۇزۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغاندەك ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار باراتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار كۈچلۈك رىقابەتكە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزى چوڭقۇر ۋە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دائىرىلەر قاتتىق بىخەتەرلىك سىياسىتى ئارقىلىق ئۆز پىكرىنى تىنچ ئىپادىلىگەن كىشىلەرنى ۋە ئۆكتىچىلەرنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا. ئۇلار تىنچ سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى، دىنىي پائالىيەتلەرنى«ئۈچ خىل كۈچلەر» دېگەن ئۆلچەمگە سېلىپ باستۇرغان بولسىمۇ، بىراق باستۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك خەۋپى پەيدا قىلغانلىقى ھەققىدە چەكلىك ۋە بىر بىرىگە مۇخالىپ ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ كەلگەن.
دوكلاتتا يەنە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە مەركىزى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈش پىلانى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە رايوندىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى، تىلى ۋە تۇرمۇشىنى قامداش ھوقۇقىنىڭ ئۇلىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا دىھقان-چارۋىچىلارنىڭ كۆچۈرۈلۈپ، ئوتلاقلاردىن يىراقلاشتۇرۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكتور قاھار باراتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقى سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ ئۇنى ئۆزگەرتمىسە، خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي جەھەتتىكى پەرق داۋاملىق چوڭىيىپ، زور كۆلەملىك توقۇنۇشلارنىڭ يەنە يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت.
دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى باستۇرۇش، قولغا ئېلىش، تۇتقۇن قىلىش، تۈرمىگە تاشلاش، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، تىلى چەكلەشكە ئۇچراش قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان. ئۇلار يەنە، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش، ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش جەھەتلەردە كەمسىتىشكە ئۇچرىغان.
دوكلاتتا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغدىشىغا داۋاملىق توسقۇنلۇق قىلماقتا. لېكىن دائىرىلەر قەشقەر كونا شەھەر رەستىلىرىنى چېقىش ۋە قايتا قۇرۇشنى داۋاملىق ئېلىپ باردى. 2009-يىلى باشلانغان ۋە 5 يىللىق پىلاننىڭ بىر قىسمى بولغان بۇ قۇرۇلۇش، 220 مىڭ ئاھالىنىڭ كۆچۈرۈلۈشى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قوغدىلىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقى سەۋەبلىك، يەرلىك ئاھالە ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان» دەپ كۆرسەتكەن.
دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەلەپ قىلىنىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە بەزى تەكلىپ پىكىرلەر بېرىلگەن. بۇ تەكلىپ پىكىرلەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغنى كۆپەيتىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى كۈچەيتىشى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن چىقىرىشى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش قاناللىرىنى كېڭەيتىشكە يول ئېچىپ بېرىش، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىش، 2009-يىلى قولغا ئېلىنغان، تۇتقۇن قىلىنغان ۋە سوتلانغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش، قەشقەر كونا شەھەر رەستىلىرىنىڭ چېقىلىش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئوتتۇرىغا قويۇش، خىزمەتكە قوبۇل قىلىشتىكى كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.