ئاپتورنىڭ ئايالى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمە ھاياتىنى ئاڭلاتقان خېتى 2002 - يىلى 2 - ئاينىڭ16 - كۈنى ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. كىتابقا 2007 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى پرېزېدېنت جورجى بۇش چىخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگا شەھىرىدە رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن سىدىق ھاجى روزى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاقسارايغا يوللىغان 14 ماددىلىق خېتىمۇ كىرگۈزۈلگەن. بۇ خەتتە نوقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى بايان قىلىنغان. ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدىكى پاكىتلارنىڭ كۆپىگە ئەركىن ئاسيا رادىئوسىدىكى خەۋەرلەر مەنبە قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
كىتابقا يەنە، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرىغا ۋە گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا يازغان خەتلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتاب ۋە بۇ كىتابنىڭ ئىلمىي قىممىتى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى سىدىقھاجى روزى ئەپەندى ۋە ئوقۇرمەنلەرگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق. بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىققانلىقىنى ئېيتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى باشلىقى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى ئەسەرنىڭ تارىخىي قىممىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ چوڭ كەمچىلىكلەردىن بىرىنىڭ ئۆز تەرجىمىھالىنى، ۋەتەن ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى يېزىپ قالدۇرماسلىق ئىكەنلىكىنى، سىدىقھاجى روزى ئەپەندى يازغان بۇ ئەسەرنىڭ كېلەچەكتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مۇھىم بىر تارىخىي ئارخىپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.