دولقۇن ئەيسا: پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ باياناتلىرى دۆلەت ئەربابلىرىغا خاس ئەمەس

پاكىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە 3 كۈندىن بېرى پاكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېرىلىۋاتقان باياناتلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى.

0:00 / 0:00

قۇرۇلتاي باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا بۈگۈن رادىئومىزدا بايانات بېرىپ، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ سۆزىدە پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ خىتاينىڭ دۈشمىنى بىزنىڭمۇ دۈشمىنىمىز دېگەن سۆزلىرىنى ۋە خىتاي ھەققىدىكى مەدھىيە سۆزلىرىنى دۆلەت ئەربابلىرىغا خاس سۆز ئەمەس دەپ تەنقىد قىلدى.

سوئال: پاكىستان دائىرىلىرى 3 كۈندىن بېرى ئارقا-ئارقىدىن بايانات بېرىپ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە قارىتا مەدھىيىلەر ئوقۇۋاتىدۇ، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا شەرتسىز ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. بۇ باياناتلارغا قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پوزىتسىيىسى نېمە؟

جاۋاب: پاكىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى، بولۇپمۇ خىتاي ج خ مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇ پاكىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقان كۈنلەردىكى تەرەپلەرنىڭ باياناتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. پاكىستان تەرەپنىڭ باياناتلىرىنى ئاڭلاپ ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇق. چۈنكى بىزنىڭ قارىشىمىزچە، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى مەدھىيە سۆزلىرى پۈتۈنلەي خۇشامەت تۈسىنى ئالغان. بۇ باياناتلار بىر دۆلەت ئەربابلىرىغا خاس باياناتلار ئەمەس. شۇڭا 3 كۈندىن بېرى دېيىلىۋاتقان مەيلى خىتاي، مەيلى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلەر بولسۇن، پاكىستان دۆلىتىنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈشتىن باشقا ئەمەلىي ئۈنۈمى يوق باياناتلار دەپ قارايمىز.

سوئال: پاكىستان دائىرىلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر پىدائىيلارغا قارشى ھەمكارلىق تەلىپىگە جاۋابەن، خىتاينىڭ دۈشمىنى بىزنىڭمۇ دۈشمىنىمىز دەپ بايانات بەردى. بۇ سۆزگە قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىنكاسى نېمە؟

جاۋاب: بۈگۈن خىتاي دۆلەت ئىچىدە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى ئۆزىگە دۈشمەن دەپ تونۇيدۇ ۋە بۇنى ئاشكارا جار سېلىۋاتىدۇ ھەم ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ يەردە پاكىستان بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ. خىتايغا شەرتسىز بويسۇنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بىز نۆۋەتتىكى پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن ھېچقاچان مىللىي ھەرىكىتىمىزگە قارىتا ھىمايە قىلىشنى كۈتكەن ئەمەس، پەقەت خىتاي بىلەن دوستلۇقىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك سىزىقىدىن چىقىپ كەتمەسلىكىنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن. شۇڭا پاكىستاننىڭ مەزكۇر سۆزلىرىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمىدۇق. شۇ نەرسە ئېنىقكى، خىتاي دۆلىتى ئۆز خەلقى بىلەنمۇ دوست ئۆتەلمەيۋاتقان بىر ھاكىمىيەت، خىتايدا ھازىرغىچە دېموكراتىك سايلامغا، ئەركىن ئاخباراتقا يول قويۇلماسلىقى بۇنىڭ بىر ئىسپاتى. بۇنىڭدىن باشقا خىتاي دۆلەت سىرتىدا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى ھىمايىچىلىرىنى ئۆزلىرىگە دۈشمەن دەپ تونۇيدۇ. شۇڭا پاكىستاننىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى يالغۇز ئۇيغۇرلارغا قارشى بايانات ئەمەس ھەم دۇنيادىكى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنىڭ ھىمايىچىلىرىغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىش.

ئەرەب باھارىدا كۆرۈپ تۇردۇق، خىتاينىڭ دوستلىرى يېڭىلدى ۋە يىقىلدى؛ پاكىستانمۇ ھەق ۋە ئادالەت چۈشەنچىسىدىن ئۇزاق، مەزكۇر باياناتلىرى ئۈچۈن نومۇس قىلىدىغان،خىجىل بولىدىغان كۈنلىرى يىراق ئەمەس.

سوئال: پاكىستان باش مىنىستىرى يۈسۈپ گىلانىي بۈگۈن، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىتىنى تاغلاردىنمۇ يۈكسەك، دېڭىزدىنمۇ چوڭقۇر، پولاتتىنمۇ مۇستەھكەم، ھەسەلدىنمۇ تاتلىق دەپ مەدھىيىلىدى. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى دوستلۇق ھەقىقەتەن شۇنداق سەمىمىي ۋە ئىستىقباللىقمۇ؟

جاۋاب: ئاڭلىنىپ تۇرغىنىدەك، بۇ بىر دوستلۇق باياناتى ئەمەس، خۇشامەت قەسىدىسى. ھەممىگە ئېنىقكى، بۈگۈن خىتاي ئاساسلىقى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئۈچۈنلا پاكىستانغا يېقىنلىشىۋاتىدۇ. پاكىستانمۇ چوڭ دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتتە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا خاتا يولنى تاللاپ خىتاي بىلەن دوستلىشىۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇقى ئادالەتكە ۋە ھەققانىيەتكە، ئىنسانپەرۋەرلىك ئەخلاقىغا تايانغان بىر دوستلۇق ئەمەس. بۇ پەقەت يالغۇز مەنپەئەتكىلا تايانغان، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش دىكتاتور بىر ھاكىمىيەتنىڭ مەنپەئىتىنى ئاساس قىلغان دوستلۇق. شۇڭا بۇنداق سۈنئىي دۇستلۇقلار، غەيرىي ئەخلاقىي دوستلۇقلار ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ دەپ قارايمىز. خەلقئارا ۋەزىيەتتە يۈز بېرىدىغان ھەرقانداق كۆزگە كۆرۈنەرلىك بىر ئۆزگىرىش ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇقىنى يوق قىلىۋېتەلەيدۇ.

سوئال: ئەگەر باياناتلاردا دېيىلگەنلەرگە ئەمەل قىلىنىپ، خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ دوستلۇقىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەش بولسا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قانداق تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟

جاۋاب: بىرىنچىدىن، پاكىستان ھۆكۈمىتى ھېچقاچان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى قوللىغان ئەمەس، ھازىرغا قەدەر زەربە بېرىپ كەلگەن، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە بۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ زەربە بېرىش ئىمكانىيىتىمۇ يوق. ئىككىنچىدىن. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئۇيغۇرغا قارشى ھەمكارلىقلار، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تونۇلۇشى، ھەققانىيلىقىنىڭ بىلىنىشى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ چۈشىنىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىمۇ بار. ئاخىرىدا ئەسكەرتىدىغىنىم: شەرقى تۈركىستان داۋاسى ھەقىقەت داۋاسى. شەرقى تۈركىستاننى مۇستەقىللىققا ئېرىشتۈرىدىغان ئاساسلىق كۈچ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئىرادىسى. شۇڭا خىتاي بىلەن تۈزۈلگەن ھەرقانداق دوستلۇقلار ۋە توختاملار ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

باش كاتىپ دولقۇن ئەيسانىڭ دېگىنىدەك، كۆپ ساندىكى كۆزەتكۈچىلەر، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقى باياناتلىرىنى، خىتايغا بولغان يېقىنچىلىقتىن كۆپ ئامېرىكىغا بولغان نارازىلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراشماقتا. چۈنكى ئامېرىكا، ئالدىنقى ھەپتە، ئافغانىستاندىكى كونسۇلخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا، پاكىستان جاسۇسلۇق تەشكىلاتىنىڭ قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پاكىستان بولسا بۇنى رەت قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، شۇ قېتىملىق ھۇجۇمنى پاكىستاننىڭ ۋازىرىسىتان ۋىلايىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان ھەققانىي تەشكىلاتى ئىجرا قىلغان. ھەققانىي تەشكىلاتى، 1980 ‏-يىللاردا، سوۋېت ئىشغالىيىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. كېيىن تالىبان قوشۇنى بىلەن ھەمكارلاشقان. 2001 ‏-يىلى تالىبان ھۆكۈمىتى يېقىلغاندىن كېيىن، پاكىستاننىڭ ۋازىرىستان ۋىلايىتىگە چېكىنگەن.

خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلات، نۆۋەتتە ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ۋە ناتو قىسىملىرىغا قارشى ھۇجۇملاردا ئاساسلىق رول ئوينىماقتا. شۇڭا ئامېرىكا پاكىستاننى ۋازىرىستاندىكى ھەققانىي تەشكىلاتىنى يىغىشتۇرۇشقا چاقىرماقتا. بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر چاقىرىقىدىن ئالاقزادە بولغان پاكىستان دائىرىلىرى خىتاينىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتماقتا ۋە ئۇيغۇر پىدائىيلارغا زەربە بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىلەر بەرمەكتە. پاكىستان دائىرىلىرى ئالدىنقى ئايدا ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنىڭ پاكىستاندا مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان؛ ئەمما بۇ ھەپتە ئىچىدىكى باياناتلىرىدا، ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، بىر قىسىمنى خىتايغا قايتۇرغانلىقىنى، يەنە بىر قىسىمنىڭ بولسا مەۋجۇتلۇقىنى بايان قىلغان.