د ئۇ ق ئىجرائىيە رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم ئامېرىكىغا كېلىش جەريانى ھەم ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2002-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن 11 نەپەر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسىنىڭ بىرى.

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تونۇلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى. 9-نويابىر ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 15-نويابىر كۈنى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ئۇنى تېررورچى دەپ ئېلان قىلغان 10 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشىنىڭ، ئۆزى ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەتئەللەردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم ئامېرىكىدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەنمۇ مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئامېرىكىغا كىرىش يولىنىڭ ئېچىۋېتىلىشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇندىن كېيىنكى يىغىن پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە بەزى قارارلارنىڭ ئېلىنىشىغا تېخىمۇ قۇلاي پۇرسەت تۇغدۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىنى قوللىغانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتىدىكى تەسىراتلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 10-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلام پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىنى ھەم جۇمھۇرىيەت بايرىمىدىن كېيىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىش پائالىيەتلىرىدە بولغانلىقىنى بايان قىلدى شۇنىڭدەك ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلىپ، Libby Liu ۋە Daniel Southerland قاتارلىق رەھبەرلەر ھەمدە ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دولقۇن قەمبىرى قاتارلىق بارلىق خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە يۈكسەك باھا بەرگەنلىكى توغرىسىدا توختالدى.

سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە، ئەينى چاغدا ئۆزى بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ تېررورچى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن باشقا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئۆزىگە يول ئېچىلغانلىقى، ئۇلارنىڭمۇ خەلقئارادا ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا ئۈمىد بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.