دولقۇن ئەيسا: خىتاي مەدەنىيەت يىلى پائالىيىتى خىتاينىڭ مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىنى پاش قىلىشنىڭ يەنە بىر پۇرسىتى

2012-يىلى گېرمانىيىدە خىتاي مەدەنىيەت يىلى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتنىڭ گېرمانىيىدەك بىر دۆلەتتە تەشكىللىنىشى گېرمانىيىدىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى قوزغىدى.

0:00 / 0:00

2012-يىلى گېرمانىيىدە خىتاي مەدەنىيەت يىلى پائالىيىتىنىڭ يولغا قويۇلماقچى بولغانلىق خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گېرمانىيىدىكى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيە شۆبىسى ۋە گېرمانىيىدىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئۇيغۇر، تىبەت، ئىچكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرى نارازىلىق باياناتلىرى ئېلان قىلىپ، خىتايدەك مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىسى بولغان بىر دۆلەتنىڭ گېرمانىيىدەك دېموكراتىك بىر دۆلەتتە مەدەنىيەت يىلى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئالدىنقى ھەپتە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، خىتاي مەدەنىيەت يىلىغا قارشى يىغىن ئۆتكۈزگەن ۋە 2012-يىلى خىتايغا قارشى ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەت پروگراممىلىرىنى بېكىتكەن.

بۇ قېتىمقى خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش پروگراممىسىنىڭ يېتەكچى ئورگانلىرىدىن بىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇپ، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئالدىنقى ھەپتە بولۇپ ئۆتكەن يىغىن ۋە ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ 2012-يىلىدىكى خىتاي مەدەنىيەت يىلىغا قارشى تەييارلىق پائالىيەتلىرى توغرىسىدا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، 2012-يىلىنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى گېرمانىيىدە تېخىمۇ كەڭ ئاڭلىتىش ھەم خىتاينىڭ مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ پاش قىلىشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.