شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 9-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچىدىكى 3-دەرىجىلىك بىر دوختۇرخانىدا 70 ياشلىق بىر موماي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، موماينىڭ 40 ياشلىق قىزى نەق مەيداندا مەسئۇل ئايال دوختۇر چېن رۇڭنى يۈز-كۆزلىرىگە ۋە قۇلاقلىرىغا ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان.
ئايال دوختۇرنىڭ قۇلىقى ئاڭلىماس بولۇپ قالغان، يۈزلىرى زەخىملەنگەن. ئۇ ھازىر تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە داۋالانماقتا ئىكەن.
خەۋەردە، تاياق يېگەن ئايال دوختۇرنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۆلگۈچى موماينىڭ مىللەت تەركىبى ئېنىق دېيىلمىگەن. «ئۈرۈمچىدىكى 3-دەرىجىلىك بىر دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ ئايال دوختۇرى كېسەل تەرىپىدىن ئۇرۇلدى» ناملىق بۇ ئۇزۇن زىيارەت ماقالىسىنى ئىككى نەپەر خىتاي يازغۇچىسى يازغان.
ماقالىدە، ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىلاردا كېسەللەرنىڭ دوختۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى، ئايال دوختۇر چېن رۇڭنىڭ مۇشۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچى قېتىم كېسەللەر ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تەرىپىدىن تاياق يېگەنلىكى، مۇشۇ بىر دوختۇرخانىنىڭ ئۆزىدىلا ئوخشاش ۋەقەنىڭ كۆپ قېتىم يۈز بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان.
ماقالە ئاپتورلىرى ئۈرۈمچىدىكى باشقا دوختۇرخانىلاردىنمۇ ئەھۋال ئىگىلەپ، دوختۇرلارنىڭ كېسەللەر تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى كۆپ ھەم ئېغىرلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر ئەمەلىيەتتە پۈتۈن خىتايغا تارقالغان بولۇپ، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى خاربىندىكى بىر دوختۇرخانىدا بىر نەپەر بىمار دوختۇرلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر دوختۇرنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئۈچ دوختۇرنى يارىلاندۇرغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆتكەن يىللىرىدىن باشلاپلا دوختۇرخانىلاردا ساقچى پونكىتلىرى تەسىس قىلغان. بۇ يىل 4-ئاينىڭ 30-كۈنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە سەھىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «داۋالاش ساھەلىرىنىڭ تەرتىپىنى قوغداش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» ئېلان قىلىپ، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى بىلەن ساقچىلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ دوختۇرلارنىڭ ئامانلىقىغا كېپىللىك قىلماقچى بولغان. ئەمما، يازغۇچىلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغان بەزى كىشىلەر بۇ خىل چارىگە قارىتا ئۆز گۇمانلىرىنى بىلدۈرۈپ «مەسىلە ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىدە ئەمەس، بەلكى دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش سۈپىتىدە ۋە تۈزۈلمىسىدە، ساقچىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ بۇ خىل ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس» دېيىشكەن. ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بەزى بىمارلار بولسا «دوختۇرلار پۇل تېپىش ئۈچۈن كېسىلى يوق ئادەمنىمۇ كېسەل قىلىپ كۆرسىتىدۇ، يېنىك كېسەلنى ئېغىر كۆرسىتىدۇ، ئېغىر كېسەلنى ياخشى داۋالىماي ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ، داۋالاش تەننەرخى ئىنتايىن يۇقىرى، دورىلار قىممەت، پۇقرالارنىڭ بۇ چىقىملارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىشى تەس» دېگەن.
گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى راھىلە خانىم، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاشنى ئەمەس، پۇل تېپىشنى ئاساسى كەسىپ قىلىۋالغانلىقىنى، بىمارلارنىڭ ئەھۋالى ھەرقانچە ئېغىر بولسىمۇ، ئالدىن كارىۋات ھەققى ۋە داۋالاش ھەققىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلىمەي تۇرۇپ دوختۇرخانىغا ئورۇنلىشالمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ يېزا-قىشلاقلاردىن كەلگەن نامرات دېھقانلار ئۈچۈن داۋالىنىشنىڭ ناھايىتى قېيىن بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە، 2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەزگىلىدە دوختۇرخانىلارنىڭ باستۇرۇشقا ئۇچرىغان ئۇيغۇر بىمارلارنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى، بۇنىڭ دوختۇرلۇق ئەخلاقىغا پۈتۈنلەي يات قىلمىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. دوختۇرلار بىلەن بىمارلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنى خەلقىمىزنىڭ نامراتلىقى بىلەن داۋالاش ھەققىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. راھىلە خانىم يەنە، ئىلگىرى ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەن بىر كۈلپەتنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.
شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى ياڭ فۇچياڭ ماقالە ئاپتورلىرىغا «كېسەللەر بىلەن دوختۇرلار ئارىسىدىكى زىددىيەت ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ داۋالاش تۈزۈلمىسى خېلىلا ناچار ۋە دوختۇرلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقى تۆۋەن. مۇناسىۋەتلىك قانۇن-قائىدىلەر مۇكەممەللەشمىسە، كېسەللەرنىڭ داۋالىنىش ھەق-ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىسا، بۇ خىل زىددىيەتتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ساقچىلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ مەسىلە ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن.