خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى ئۇيغۇر بۇلتۇر، 13 مىڭ دوللار پۇلنى دۇبەيدىن خىتايغا، ئارقىدىن ئۇ يەردىن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يۆتكىگەن؛ بۇنىڭدىن خىتاي تەرەپ گۇمانغا چۈشكەن؛ نەتىجىدە خىتاي ئەلچىخانىسى ئەرەب خەلىپىلىكىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان، بۇنىڭ بىلەن دۇبەي ساقچىلىرى بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئارقىسىغا چۈشكەن ۋە ئۇلار بىر دورىخانىدا پارتلاتقۇچقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىۋاتقاندا تۇتۇلغان. مەھكۇملار بۇلتۇر كۈزدە تۇتۇلغان، 2010 - يىلى 1 - ئايدا ئۇلار ئۈستىدىن سوت ئېچىلىپ ئەيىبلەنگەن؛ تۈنۈگۈن ئېچىلغان سوتتا ھۆكۈم چىقىرىلغان.
خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇلار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە بۇلتۇر 7 - ئاينىڭ ئاخىرى كەلگەن؛ ئۇنىڭدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بىر قانچە قېتىم بېرىپ كەلگەن. ئەيىبلىگۈچى سوتتا ئۇلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان سەپىرىنى تېررورلۇقنىڭ بىر پارچىسى دەپ كۆرسەتكەن، ئەمما، مەھكۇملار سوتتا ئەيىبلىگۈچىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى رەت قىلغان؛ ئۇلار سەئۇدى ئەرەبىستان سەپىرىنى دىنىي پائالىيەت دەپ چۈشەندۈرگەن.
ئەبۇدابىيدە چىقىدىغان مىللەت گېزىتىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەھكۇملار سوتتا پارتلىتىش پىلانىنى ئىنكار قىلمىغان؛ ئۇلار پەقەت خىتاي سودا بازىرىنىڭ ئالدىدىكى ھەيكەلنى پارتلىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق بىلدۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى، پىلاندا ئادەملەرگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈش نىيىتى يوقلۇقىنى بايان قىلغان.
ئەمما خەۋەرلەردە، ئەگەر مەزكۇر پىلان ئەمەلگە ئاشقان بولسا، ھەيكەلنىڭ 80 مېتىر ئەتراپىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بايان قىلىنماقتا.
مەزكۇر خەۋەردە يەنە، بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە 5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كۆپ ساندا كىشىلەر ئۆلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا قارىتا نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مەزكۇر پىلاننى تۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈنۈگۈنكى سوتتا، ئىككى نەپەر تەرجىمان ھازىر بولغان؛ بۇلاردىن بىرى، ئۇيغۇرچىدىن خىتايچىغا؛ يەنە بىرى بولسا، خىتايچىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغان.
خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ قانۇنى بويىچە، ئەسلىدە، تېررورلۇق جىنايىتىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئەمما سوت، ۋەقە تېخى پىلان باسقۇچىدا بولغانلىقى، ئەمەلىي زىيان كەلتۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن، يەڭگىل جازا بەرگەن. ھۆكۈم ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك سوتى تەرىپىدىن بېرىلگەچكە، ئۇلارنىڭ مەزكۇر ھۆكۈمگە قارشى ئەرز قىلىش ھەققى بولمىغان.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تۈرلۈك ۋەقەلەر يۈز بەرمەكتە؛ ۋەقەلەرگە ھەر ۋاقىت خىتاينىڭ قول تىقىشى بىلەن، ۋەقەلەرنىڭ راست - يالغانلىقى ۋە ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا گۇمان پەيدا قىلماقتا.
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابدۇكېرىم ئەپەندى ۋەقە ھەققىدىكى پەرەزلىرىنى بايان قىلدى. ئابدۇكېرىم ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، بۇ خىل ۋەقەلەر ئۈستىدىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز ئىمكانى دائىرىسىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ۋە ۋەقە ئۈستىدىن مۇستەقىل، ئۆزىگە خاس ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە سوتلانغان ئىككى ئۇيغۇر ھەققىدىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.