ئۈرۈمچى نامايىشى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا (1)

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى پارتلىغاندىن كېيىن، دۇنيا ئاخبارات ئورۇنلىرى ھەقىقىي ئەھۋالنى خەۋەر قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى" نىڭ پارتلاش سەۋەبى ۋە خىتاي دائىرلىرىنىڭ بۇ نامايىشنى قانلىق باستۇرغانلىغى دۇنياغا ئاشكارىلاندى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپاغا ئوخشاش غەرب مەتبۇئاتلىرىدىن، " ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى"، "نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى"، "ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى"، "ئامېرىكا ئاۋازى "، " ئەنگلىيە ب ب س رادىئوسى "، " بىرلەشمە ئاگېنتلىقى "،" ۋولت سترېت ژۇرنىلى "، ئەرەپ ئاخبارات ئورگانلىرىدىن " ئەل جەزىرە "، تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىن " ت ر ت تېلېۋىزىيە قانىلى "، " س ن ن تۈرك "، "ھورىيەت گېزىتى " قاتارلىقلاردىن تاكى ھوڭكۇڭ "شەرق" گېزىتىگىچە دۇنيادىكى بارلىق گېزىت، تېلېۋىزور، ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئېلان قىلىنماقتا.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەرلىرىدە ۋەقەنىڭ ھەقىقىي تەپسىلاتى يوشۇرۇپ، بىر تەرەپلىمە خەۋەرلەرنى بېرىپ، " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى"نى " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى مالىمانچىلىقى" دەپ ئاتاپ، بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە رابىيە خانىمنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن بولغان دېيىش ئارقىلىق، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي يۈز بېرىش سەۋەبىنى يوشۇرغان ئىدى.

گەرچە، خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرى، يەكشەنبە ۋە دۈشەنبە ئىككى كۈن دۇنيا ئاخبارات ساھەسىنى ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋېلىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەزى مۈجىمەل قاراشلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن سەيشەنبە كۈنى چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرىشى بىلەن " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى" ھەققىدە دۇنيا خەلقى ھەقىقىي مەلۇماتقا ئېرىشتى.

سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىگە كىرگەن 17 دۆلەتتىن كەلگەن 80 نەپەر خەلقئارا مۇخبىرلار ئۆز خەۋەرلىرىدە بۇ قېتىملىق ۋەقەنى " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقى"، " خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىقى" دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتاپ، بۇ قېتىمقى قانلىق قىرغىنچىلىقىنى خەۋەر قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى ئاشكارىلىۋەتتى.

چەتئەل مۇخبىرلىرى ئاخباراتلىرىدا،بۇ قېتىملىق نامايىشتا قوراللىق ساقچىلار، ھەربىيلەر، تانكا، برونېۋىكلارنى ئىشلىتىپ تىنچ نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قارىلاپ بىر تەرەپلىمە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە، كۈشكۈرتۈلۈپ كالتەك - توقماقلار بىلەن ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان خىتايلارغا نىسبەتەن كارى بولماسلىق پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىنىڭ تۆكۈلۈشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قانلىق باستۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىدى.

" ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى " ۋە " نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى" قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلىرىدا بۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ پارتلاپ چىقىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەب تەھلىل قىلىندى. بۇ گېزىتلەرنىڭ بۇ بىر ھەپتىلىك خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لېدىرى رابىيە خانىم ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلدى. " ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى " يەنە سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بېرىلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشى ھەققىدىكى سىنئالغۇنى ئۆز تور بېتىگە قويدى.

" نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى " ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر بېرىپ كېلىۋاتقان گېزىتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىلگىرى بۇ گېزىتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز باستۇرۇلۇۋاتقانلىقى،گۈانتانامۇ تۈرمىسىدە 7 يىلدىن بېرى گۇناھسىز يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ يەرلىك خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن چېقىلىپ، بۇ قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزناسىنىڭ دۇنيا تارىخىدىن يوقىتىلىۋاتقانلىقى، شاۋگۇەن ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا خىتاي ئىشچىلار تەرىپىدىن بىھۇدە ئولتۇرۇلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر ۋە ئانالىزلارنى بېرىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

بۇ قېتىم ئۈرۈمچى 5 - ئىيۇل ۋەقەسى پارتلىغاندىن كېيىن بۇ ھەقتە ئەڭ دەسلەپ مەلۇمات بەردى، ھەم مەخسۇس پروگرامما ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى تەنقىدلىدى.

" ب ب س " ۋە "بىرلەشمە ئاگېنتلىقى" نىڭ خەۋىرىدە، ھازىر ئۇرۇمچىدىكى خىتاي ئاھالىسىنىڭ خىتاي ئاھالە رايونلىرىدا كالتەك‏ - توخماقلار بىلەن قوراللىنىپ، ئۇيغۇرلار ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى، ساقچىلارنىڭ ئۇلارغا نىسپەتەن بىپەرۋا پوزىتسىيىدە بولىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسى جايلاشقان كۈيتۇن شەھىرىدە خىتاي مىللىتىدىن بولغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە قورال تارقىتىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

" نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى " چارشەنبە كۇنىدىكى خەۋىرىدە،ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىسىگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن، توساق قۇرۇپ مۇداپىئە كورۇۋاتقانلىقىغا دائىر رەسىملەر بېسىلىپ، بۇ قېتىملىق قانلىق قىرغىنچىلىقتا 156 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ " 5 - ئىيۇل ئۇرۇمچى نامايىشى" سەۋەبلىك 8 دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتناشماستىن، مۇددەتتىن بۇرۇن بېيجىڭغا قايتىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

" ئەل جەزىرە تېلىۋىزىيە " قانىلىدا، 7 - ئىيۇل سەيشەنبە كۈنىدىكى ئۈرۈمچىدىكى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ نامايىشى ئەينەن كۆرسىتىلدى." ئەل جەزىرە"نىڭ خەۋىرىدە، ئۈرۇمچىدىكى ئۇيغۇر ئانىلار، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ، خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قورال كۇچى ئارقىلىق باستۇرۇلۇۋاتقان سىنالغۇ فىلىمى بېرىلدى.

تۈركىيىنىڭ " مىللىيەت گېزىتى " مۇخبىرىنىڭ نەق مەيداندىن تارتقان سۈرەتلىرى ئىچىدە ئۈرۈمچى كوچىلىرىدىكى پولات قالپاقلىق خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ ئېلىپ كېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى، تانكا ۋە برونېۋىكلارنىڭ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا چارلاپ يۈرگەنلىكى، قان ئىچىدە ياتقان ئۇيغۇر ياشلىرى، ياشانغان ئۇيغۇر خانىمنىڭ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا كېلىۋاتقان برونېۋىكنى توسۇۋالغان كۆرۈنۈشى قاتارلىقلار بار.

تۈركىيەنىڭ "ھۆرىيەت گېزىتى "نىڭ پۈتۈن 2 سەھىپىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قانلىق باستۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئولتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلايدىغان خەۋەر ۋە كۆز قاراشلار ئېلان قىلدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى فاڭ يۈەننىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى شاڭخەيدىكى 2000 دىن ئارتۇق ئەرزدارلار " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى " سەۋەبىدىن شاڭخەيدىكى شەھەرلىك ئەرز قوبۇل قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان ھەمدە بۇ ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "4 - ئىيۇن تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقى" دىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتى دەپ مۇنازىرە قىلغان. فاڭ يۈەننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئەرزدار، ئۆز مىللىتىدىن بولغان خىتاي ئەرزدارلىرىنى بۇ قەدەر قانلىق باستۇرغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرۇشىغا ئەجەپلەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۈرۈمچى زىيارىتى جەريانىدا، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۇلارغا بولغان پوزىتسىيىسىدە پەرقلىق مۇئامىلە بولغان، " يېرىم ئارال " مۇخبىرىنىڭ خەۋىرىدە خىتايلار سېرىق چاچلىق، كۆك كۆزلۈك، ئاق تەنلىك مۇخبىرلارغا دۈشمەنلىك نەزىرىدە قارىسا، ئۇيغۇرلار خىتاي مىللىتىگە ئوخشايدىغان مۇخبىرلارغا ئۆچمەنلىك نەزىرىدە قارىغان. ساقچىلار غەرب ئەللىرى مۇخبىرلىرىنى قوغدايمىز دېگەن باھانىدە قورشىۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر شەھەر ئاھالىسى بىلەن سۆزلىشىشىگە يول قويمىغان.