63 دۆلەتتىن 3 مىڭ ئەتراپىدا ياش قاتناشقان بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل رەھبەرلىكىدىكى 5 كىشىلىك ھەيئەت قاتناشتى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر قويۇلغان بۆلۈم ئاچتى.

بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلار 63 دۆلەتتىن كەلگەن ياشلارغا شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرغانلىقىنى، تۈركىيىنىڭ تەنتەربىيە ۋە ياشلار ئىشلىرى مىنىستىرى ھەم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان تۈركىيە تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇستافا قاۋاس ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ 10 يىلدىن بېرى بۇ خىل پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "بىز ياشلار قۇلۇبى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆتكەن 10 يىلدىن بېرى تۈرك دۇنياسىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز. بىز دۇنيا دۆلەتلىرىگە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنكى دۇنيا ياشلىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرىدە داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.