ھىلارىي كلىنتون: خەتەرلىك مۇھىتلاردا ھەقىقەت ئىزدەپ خەۋەر بېرىدىغان مۇخبىرلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىشىمىز كېرەك

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن، دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتايغا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ھەمكارلاشقان.

0:00 / 0:00

دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاخبارات سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.

مۇراسىم ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئاخبارات مۇزېيدا 1-مايدىن 3-مايغىچە جەمئىي ئۈچ كۈن ئېلىپ بېرىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، قۇرۇلتايغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىنتېرنېت ئارقىلىق قاتناشقان ۋە نەق مەيدانغا كەلگەن سىياسىيون، مۇخبىر ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ سانى 800 دىن ئاشقان.

دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى 20 يىل ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان.
بۇ، دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىنىڭ 20 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلۈشى بولۇپ، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت ۋە خەلق ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى جۇدىتھ مكھالې قاتناشتى.

ئۇ، مەزكۇر يىغىن ئارقىلىق دۇنيادىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقان مۇخبىرلارنى تەبرىكلىدى ۋە ئامېرىكىنىڭ مەيدانى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىز بۈگۈن ئاخبارات ئەركىنلىكى قەيەردە تەھدىتكە ئۇچرىغان بولسا ئۇنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۆزىمىزنى قايتا بېغىشلىدۇق.

باش شتابى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان خەلقئارا تەتقىقات ۋە ئالماشتۇرۇش دىرېكتورلار ئۇيۇشمىسى 3-ماي ئاياغلاشقان بۇ قۇرۇلتاينىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى.

مەزكۇر ئۇيۇشما مائارىپ ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئاممىۋى تەشكىلات قۇرۇش ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتتۇر.

بۇ قېتىم ئامېرىكىدا خاتىرىلەنگەن دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى ھەققىدە توختالغان خەلقئارا تەتقىقات ۋە ئالماشتۇرۇش دىرېكتورلار ئۇيۇشمىسىدىكى درۇ مەناكېر مۇنداق دېدى: مۇشۇنداق بىر كۈننى ئاجرىتىپ ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەققىدە ئويلىنىش بەك مۇھىم. مەنچە بۇ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاخبارات ئەركىنلىكى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان كىشىلەرگە ئازراق بولسىمۇ ئۈمىد بېغىشلايدۇ.

قۇرۇلتايغا يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش دىرېكتورى ئىرىنا بوكوۋا، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى پرېزىدېنتى كارل گېرشمان، ئاخبارات مۇزېيىدىكى بەتتى باۋ قاتارلىقلار قاتناشتى.

ئۇنىڭدىن باشقا، دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىممۇ بايات ئېلان قىلىپ، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قۇربان بولغان بارلىق مۇخبىرلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى.

كلىنتون خانىم ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دۇنيا ئاخبارات كۈنى پائالىيىتىگە ساھىبخانىلىق قىلغانلىقىدىن تولىمۇ پەخىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، دۇنيانىڭ يەنە كۆپلىگەن جايلىرىدا مۇخبىرلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى ۋە تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە مۇنداق دېدى: بىز، خەتەرلىك مۇھىتلاردا ھەقىقەت ئىزدەپ، لېنتىغا ئېلىپ ۋە ھەقىقەت ئۈستىدە خەۋەر بېرىدىغان ئاشۇ مۇخبىرلار ئۈچۈن كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشىمىز كېرەك.

دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى، دۇنيادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن_ ئەركىنلىك سارىيى ۋە مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتلىرى دوكلات ۋە ئاخباراتلارنى ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك دەرىجىسى باھالاپ چىققان ۋە خىتاينى «ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەت» كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئەيىبلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ بىرى-دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدۇر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 3-ماي ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز -ئىپادە ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاي تۈرمىلىرىگە تاشلىغان ئۇيغۇر مۇخبىرلار مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ نۆۋەت ئېلان قىلغان باياناتىدا «ياۋا كەپتەرنىڭ» ئاپتورى نۇرمۇھەممەت ياسىندىن باشقا ئاساسلىقى 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن قىلغا ئېلىنىپ، قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان دىلشات پەرھات، مەمەتجان ئابدۇللا، ۋە غەيرەت نىياز قاتارلىق مۇخبىر يازغۇچىلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.