دۇنيا بالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىدا سەل قارىغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەر مەۋجۇت

ھەر يىلى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى "دۇنيا بالىلار كۈنى." خەلقئارادىكى بالىلار ئۈچۈن ئورتاق بايرام بولغان بۇ كۈن ۋە "بالىلار ھەممىدىن مۇھىم" دېگەن شوئار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا 1959 ‏- يىلى 20 - نويابىر بالىلار ھوقۇقى خىتابنامىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن بېكىتىلگەن.

0:00 / 0:00

ھەر يىلى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى "دۇنيا بالىلار كۈنى." خەلقئارادىكى بالىلار ئۈچۈن ئورتاق بايرام بولغان بۇ كۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا 1959 ‏- يىلى 20 - نويابىر بالىلار ھوقۇقى خىتابنامىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن بېكىتىلگەن، "بالىلار ھەممىدىن مۇھىم" دېگەن شوئار گەرچە پۈتۈن دۇنياغا ئورتاق بولسىمۇ ھالبۇكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا بالىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش دائىرىلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر قايسى ئەللەر ۋە رايونلاردا ئوخشىمىغان ياشاش مۇھىتىغا ئىگە بالىلار تۈرلۈك ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچار بولماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1959 - يىلى 20 - نويابىردا "بالىلار ھوقۇقى خىتابنامىسى" نى، يەنە 1989 - يىلى 20 نويابىردا "بالىلار ھوقۇق شەرتنامىسى" نى ماقۇللىغان بولۇپ، دۇنيا بالىلىرى ئۈچۈن ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ ئىككى خاتىرە كۈن 1990 ‏-يىلى 20 - نويابىردىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا بالىلىرىغا ئورتاق بولغان بىر خەلقئارالىق بايرام كۈنى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.

خەلقئارادا بالىلار ھوقۇق خىتابنامىسى ۋە شەرتنامىسى ۋۇجۇتقا كەلگەندىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەتتە دۇنيا بالىلىرىنىڭ ھاياتىنى ياخشىلاشقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىش پائالىيەتلەر، تۈرلۈك ساھەدىكى پروگراممىلار داۋاملاشتۇرۇلماقتا.

مەسىلەن، 1990 - يىلى دانىيىدە ھەر قايسى دۆلەت رەئىسلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك بالىلار مەسىلىسى يىغىنى ئېچىلىپ 2000 - يىلىدىن بۇرۇن بالىلارنىڭ ساغلاملىقى ھەم مائارىپ ئەھۋالىنى ياخشىلاش ھەققىدە ئېنىق ئۆلچەم نىشانغا ئېلىندى. 2002 ‏- يىلىدا ب د ت نىڭ مەخسۇس يىغىنىدا "بالىلار ئۈچۈن تېخىمۇ مۇۋاپىق يەر شارىنى يارىتىش" ھەرىكەت پروگراممىسى ئىش باشلىدى.

ھالبۇكى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بالىلار يەنىلا ئوخشىمىغان ياشاش مۇھىتىدا ياشىماقتا. خەلقئارالىق تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىدىن مەلۇمكى 2006 - يىلى پۈتۈن دۇنيا بويىچە 9 مىليون 700 مىڭ بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلار توبىركلوزغا ئوخشاش يۇقۇملۇق كېسەللەر، ئاچلىق ھەم ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبلىرى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ستاتىستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرمۇ دۇنيادا 42 مىليوندىن ئارتۇق بالىلار پاكىز ۋە بىخەتەر سۇ ئىچەلمەيدۇ. تازا بولمىغان، بۇلغانغان سۇ ئىستىمال قىلغانلىق سەۋەبىدىن ھەر يىلى ئۆلۈپ كېتىۋاتقان بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ سانى بىر يېرىم مىليونغا يېتىدۇ.

شۇنداقلا، پۈتۈن دۇنيادا ھازىر ئەيدىز ۋاباسىغا دۇچار بولغان 2 مىليون 500 مىڭ ئەتراپىدا بالىلار بار.

نامراتلىق، ئۇرۇش، تەبىئىي ئاپەتلەرمۇ بالىلارنىڭ نورمال بالىلىقىنى، ئۈسۈپ يېتىلىش مۇھىتىنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلىپ، ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە. بالىلار يەنە ماكانسىزلىق، ئاچلىق، ئاتا ئانىسىدىن يېتىم قېلىش، قۇل قىلىنىش، ھەربىيلىككە مەجبۇرلىنىش،ھەتتا جىنسىي قۇللۇققا تۇتۇلۇش قاتارلىق بالىلار دۇنياسىغا يات قورقۇنچلۇق ياشاش مۇھىتىدا ھەق ‏- ھوقۇقلىرى دەخلى ‏- تەرۇزغا ئۇچرىماقتا.

دوكلاتلارغا، رېئاللىققا قارىغاندا، دۇنيانىڭ "بالىلار ھەممىدىن مۇھىم! بالىلار دۇنيانىڭ كەلگۈسى! پۈتۈن دۇنيا بالىلار ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك!" دېگەن شوئارلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ يەنىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىۋاتقانلىقى بىر ئەمەلىيەت.

بۇ يىللىق دۇنيا بالىلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ب د ت نىڭ ئامېرىكا، ئەنگلىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، ھىندىستان، پولشا ھەمدە برازىلىيە بالىلىرىنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بالىلارنىڭ ھايات مۇھىتىدىكى مەسىلىلەرگە ھەرگىزمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەنگەن.

بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش بۇ يەتتە دۆلەتتىكى 3 ياشتىن 14ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئوبېكتى قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتا مەسىلە ئېغىر، نامرات بالىلار نوپۇسى كۆپەيگەن، زەھەرلىك چېكىملىك ھەمدە خورلاشقا دائىر بالىلار دېلولىرى ئاشقان، بالاغەتكە يەتمەي تۇرۇپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، ھامىلدار بولۇش مەسىلىسى ئېغىرلىغان، يەنە ئىنتېرنېت خۇمارى بولۇش، ھەددىدىن ئارتۇق سەمىرىش ۋە يەنە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، داۋالىنالماسلىق قاتارلىق 10 تۈرلۈك مەسىلە بىر قەدەر گەۋدىلىك ئىكەن.

بۇ يىلقى دۇنيا بالىلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا مەتبۇئات ساھەسىنىڭ ھەر قايسى ئەللەردىكى تۈرلۈك ياشاش مۇھىتىدا ياشاۋاتقان بالىلاردىن " دۇنيادا ھەممىدىن نېمە ئەڭ قورقۇنچلۇق " ؟ دەپ سورىغان سوئالغا "ئۇرۇش، ئاچارچىلىق شارائىتىدىكى بالىلار ئەلۋەتتە دۇنيادا ئەڭ قورقۇنچلۇق نەرسىنىڭ ئۇرۇش، ئاپەت، ئاچلىق، ئاتا ئانىسىدىن ئايرىلىش، ئۆيدىن ئايرىلىش، مېيىپ بولۇپ قېلىش، قوراللىق ئەسكەر، قان، بومبا" دېگەندەك جاۋابلارنى بەرگەن بولسا، ئەڭ بىخەتەر، باياشات، بەختلىك ھاياتتا ياشىماقتا دەپ قارىغان دۆلەتتىكى بالىلارمۇ، "ئانامدىن ئايرىلىش، ئىت، ماشىنا بېسىۋېلىش، تاياق يېيىش، ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش، دوختۇر، سۇ بېسىپ كېتىش، قاراڭغۇلۇق، يۈتۈپ كېتىش" دېگەندەك كۈچلۈك ھاياتى خەۋپ، ئەندىشىسى گەۋدىلىنىدىغان جاۋابلارنى بەرگەن.

ئومۇملاشتۇرغاندا، بالىلارنىڭ جاۋابلىرى نۆۋەتتىكى دۇنيانىڭ بالىلار ئۈچۈن ئۇنچە بىخەتەر بىر جەمئىيەت بولماستىن، بالىلارنىڭ كۆزىدىكى دۇنيا ھەر تەرەپتە قورقۇنچلۇق ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتقان خېيم-خەتەر ۋەھىمە قاپلىغان بىر دۇنيالىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

شۇڭا بۇ نۆۋەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بالىلار ئۈچۈن تېخىمۇ بىخەتەر جەمئىيەت يارىتىش، ئۇلارغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يەتكۈزۈشنى شۇنداقلا بالىلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى، بۇنى بالىلاردىن "بالام سىز نېمىدىن قورقىسىز؟ " دەپ سوراش ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىشتىن باشلاشنى تەشەببۇس قىلماقتا.