بۇ سائەتنىڭ پۈتۈپ چىقىش ئىشىنى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا ئىبنى ئابدۇلئەزىز بىۋاسىتە ئۆزى كۆزەتكەن بولۇپ، 2010 - يىللىق رامىزان ئېيىغا ئۈلگۈرتۈپ چىقىش پىلانى بىلەن ئىش باشلىنىپ دېگەندەك رامىزان ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنىگە ئۈلگۈرتۈپ ئىشقا چۈشۈرۈلدى.
بۇ سائەت لوندوندىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سائەت سانالغان "بىگبىن" دىن 6 ھەسسە چوڭ بولۇپ، ھەر بىر تەرىپىنىڭ كەڭلىكى 46 مېتىردىن كېلىدۇ، يەردىن ئىگىزلىكى 402 مېتىر كېلىدۇ. سائەتنىڭ ئاۋازى 7 كىلومېتىر يىراقلارغىچە ئاڭلىنىدۇ. ئەمما سائەتنى 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىن ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.
ئابدۇلھەلىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئابدۇلھەلىم ھاجىم مەككە سائىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: "سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان 'ئىسلام دۇنياسى' گېزىتىنىڭ 19 - ئاۋغۇست سانىدا سەئىد ئىبنى جەمىل قۇرەشى دېگەن كىشىنىڭ قەلىمى بىلەن 'مەككە سائىتى رامىزانغا ئۈلگۈرتۈپ ئىشقا چۈشۈرۈلدى' دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يازغان: 'سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئابدۇللانىڭ ئەمرى بىلەن مەككە سائىتى بارلىققا كەلدى. بۇ سائەت دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سائەت ھېسابلىنىدۇ. سائەت كۈندۈزدە قارا رەڭلىك، كېچىسى يېشىل رەڭلىك كۆرۈنىدۇ. سائەتنىڭ يۇقىرىسىغا ئاينىڭ شەكلى ياسالغان بولۇپ، چوڭلۇقى 23 مېتىر كېلىدۇ. شۇنداقلا دۇنيادا ھازىرغىچە ياسالغان ئەڭ چوڭ ئاي شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى بولغان مۇنداق بىر ئۇلۇغ جايدا ۋاقىتنى كۆرسىتىدىغان، نامازلارنىڭ ۋاقتىنى بىلدۈرىدىغان بىرەر چوڭ سائەتنىڭ بولۇشى ھەقىقەتەن زۆرۈر ئىدى. مۇنداق چوڭ سائەت بۇ مۇقەددەس جايغا تولىمۇ ياراشقان ۋە كىشىلەرنىڭ يىراق جايلاردىمۇ ۋاقىتنى بىلىشى ئۈچۈن ناھايىتى قولايلىق بىر شارائىت يارىتىلدى.
سائەتنى ياساش ئىشىغا گېرمانىيە، شۋېتسىيە ۋە ياۋروپانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدىن كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر ئىشتىراك قىلغان. نامازنىڭ ۋاقتى كەلگەندە سائەتنىڭ يۇقىرىسىدىن ئاق ۋە يېشىل ئىككى چىراقتىن چىققان ئىككى خىل نۇر خۇددى ئاسمانغا قادىلىپ تۇرغان ئىككى ئوقتەك ئۇپۇقنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ، بۇ ئىشارەتتىن يىراقتىكىلەر ۋە قۇلىقى ئېغىرلىقتىن ئەزاننى ئاڭلىيالمايدىغان كىشىلەر ناماز ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى ھامان بىلىۋالىدۇ.'"
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.