دۇنيا چېمپىيونى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلدى

دۇنيا پىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە ئۈچ قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولغان، كانادانىڭ ئاتاقلىق تەنھەرىكەتچىسى ئەلۋىس ستوجكو، ئالدىنقى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلى مۇراسىمىدا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر ھالدا دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، كانادا جامائىتىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغانىدى.

0:00 / 0:00

ئەلۋىس ستوجكو بۇ قېتىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالدى.

1994 ‏ - ۋە 1998 ‏ - يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدا ئىككى قېتىم كۆمۈش مېدالغا ئېرىشكەن ۋە بۇ يىلقى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ھوقۇقى بولغان ئەلۋىس ستوجكو، كانادالىقلار ئالاھىدە پەخىرلىنىدىغان تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ بىرى. ئەلۋىس ستوجكونىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش قارارىنى ئېلىشىغا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى نارازىلىق ھەرىكەتلەرنى قوراللىق باستۇرۇشى سەۋەبچى بولغان. ئۇ، "مەن خىتايدا كۆپلىگەن قورقۇنچلۇق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن تىبەتلىكلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا. فالۇنگۇڭچىلار ۋە ئوخشىمىغان سىياسى قاراشتىكى زاتلار باستۇرۇلماقتا. ئۇلار ئوي - پىكىرلىرىنى تېنچ شەكىلدە ئىپادىلەشكە ۋە جەمئىيەت - تەشكىلاتلارغا ئويۇشۇش ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈنلا، زەربىگە ئۇچرىماقتا. بۇلار كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ناھەقچىلىقلاردۇر. قىسقىسى، خىتاي ۋە تىبەت خەلقلىرى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئېغىر زۇلۇم چەكمەكتە. مەن خىتاي پۇقرالىرىغا ئەركىنلىكنىڭ بېرىلىشىنى، ئۇلارنىڭ ئىنسانچە ياشاش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن،" دەيدۇ.

ئەلۋىس ستوجكو ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئىنسانلارنىڭ مۇقەددەس ئەركىنلىكلىرىنى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ئاساسىدا ۋۇجۇتقا كەلگەنلىكى ۋە ئولىمپىكنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن نومۇس قىلارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ " ئولىمپىك تېنچلىق،شان - شەرەپ ۋە ئەركىنلىك دېگەندەك ئۇقۇملار بىلەن بىۋاستە باغلىنىدۇ ۋە بۇ ئۈچ ئامىل ئولىمپىكنىڭ يادروسى ھېسابلىنىدۇ. مەن 4 قېتىم ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم. ھەممىسىدە شۇنداق بولدى. توغرا، ئولىمپىك بىر مۇسابىقىدۇر. تەنھەرىكەتچىلەر بۇ مۇسابىقىغە قاتنىشىش ئارقىلىق، دۆلەتلىرىگە شان - شەرەپ كەلتۈرىدۇ. ئەمما بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى ئىنسانىيەتنىڭ روھى ۋە بۇ روھنى ئىپادىلەيدىغان ئەركىنلىكتۇر. خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئېغىر دەرىجىدە داۋام قىلماقتا. خىتاي پۇقرالىرى ئىنسانلار بەھرىمەن بولىدىغان مۇقەددەس ئەركىنلىكلەردىن ۋە ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم بولماقتا " دېدى.

ئەلۋىس ستوجكو خىتاي دائىرىلىرى تەكىتلەۋاتقان سىياسى ئولىمپىككە ئارىلاشتۇرۇلماسلىقى نەزىرىيىسىنى تەنقىد قىلىپ، "بىزنىڭ تەكىتلەۋاتقانلىرىمىز سىياسى مەسىلىلەر ئەمەس،بەلكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدۇر. كىشىلىك ھوقۇق بىلەن سىياسى بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئادەملەر زىيانكەشلىككە ۋە قىيىن ‏ - قىستاققا ئۇچراۋاتقان، ئادەتتىكى سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان دۆلەتتە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئولىمپىكنىڭ روھىغا خىلاپ. ئولىمپىككە ساھىپخانلىق قىلىدىغان دۆلەت ئولىمپىكنىڭ قىممەت قارىشىنى نامايەن قىلىشى،كىشىلەرگە ئەركىن،تېنچ ۋە دېموكراتىك مۇھىت ئاتا قىلىشى،خىتاي ئۆزىدىكى جاراھەتلەرنى ساقايتىشى كېرەك" دېدى.

ئەلۋىس ستوجكو ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئالدى ‏ - كەينىدە دۇنيانىڭ دىققىتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە مەركەزلىشىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ": مېنىڭچە،خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ياخشى ئىش،ئەمما ئەڭ مۇھىمى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىلىنىشىدۇر. ھازىرغىچە،خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى. كۆپلىگەن كانادالىقلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا،زەربىسىگە ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خىتاي پۇقرالىرى ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئېچىنىدۇ. قايتا تەكرارلايمەن، ئولىمپىك پەقەت رىقابەتلىشىش ۋە مۇكاپات ئېلىش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئەمەس.

ئەگەر سىز ئولىمپىكنى بۇلار ئۈچۈنلا دەپ قارىسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز.ئولىمپىك مۇسابىقىسى دۇنياۋى رىقابەت بولۇشتىن باشقا يەنە، ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋىيىتىنى نامايەن قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى ئولىمپىكنى ئۆتكۈزىمەن دەيدىكەن، ئۆز خەلقىغە قاراتقان باستۇرۇشنى، زۇلۇمنى توختىتىشى،ئۇلارنىڭ سۆز مەتبۇئات - ئەركىنلىكى ۋە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، جەمئىيەتلەرگە ئويۇشۇش ئەركىنلىكىنى بوغماسلىقى، قىسقىسى ئولىمپىكنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، دۇنيانىڭ دىققىتى، ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە خىتاينىڭ ئالغان ئالتۇن مېداللىرىغا ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇ تەرەپلىرىگە يەنى ئۇنىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە مەركەزلىشىدۇ " دېدى.