دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتى ھەيئىتى ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتى

ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن دۇنيا ئىسلام كونفرانسى تەشكىلاتى ۋەقەگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن ئىسلام كونفرانسى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ۋە بۇ قېتىملىق ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت ئەپەندىنى ئالاھىدە جىددىگە تەكلىپ قىلىپ ئۆزى بىۋاستە قوبۇل قىلىپ مەلۇمات ئالغان ئىدى.

0:00 / 0:00

پروفېسسور دوكتور ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى ئەپەندى، ئىلگىرى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە بۇ ۋەقەنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇمىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۇپراقلارنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەق - ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى دېگەن ئىدى. كېيىن ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلىنىڭ يوليورىقى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان ئىسلام كونفرانسى ئەزالىرى 22 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ ئاددىي بىر خەۋپسىزلىك مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، ئۇ يەردىكى مۇسۇلمان خەلقلەرگە قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنىڭ بۇ قېتىملىق ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىپادە قىلغان ئىدى.

بۇ ھەم دۇنيا ئىسلام كونفرانسى تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇنداق ئوچۇق بىر پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى بولۇپ ھېسابلىناتتى.

ئىسلام كونفرانسى تەشكىلاتىنىڭ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۈرۈمچىگە بېرىپ ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام كونفرانسىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارنى ئۈرۈمچىگە كېلىشكە تەكلىپ قىلغان ئىدى. 16 - ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى ئىسلام كونفىرانسى تەشكىلاتى باشلىقى ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلىنىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى مەسلىھەتچىسى قاسىم ئەل ماسرى باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت بېېجىڭغا يېتىپ كەلدى.

ئۇلار بېيجىڭدا خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بېيجىڭدىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ھەيئەت سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىگە يۈرۈپ كەتكەن. ئۇلار بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە، ئۈرۈمچىدە ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە نەتىجىلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.

ھەيئەت يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، بۇ ھەيئەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى دېگەن.

ئىسلام كونفرانسى تەشكىلاتى ئەزالىرى بۇ زىيارىتىدە بىر نەتجىگە ئېرىشەلەمدۇ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ھەققىدە توغرا جاۋابنى تاپالامدۇ؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتايلارنىڭ يەنىلا كونا ئۇسۇلى بويىچە ئۇلارنى خالىغانچە زىيارەت قىلغىلى قويمايدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ بۇ زىيارەتنىڭ يەنىلا ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشى جەھەتتىن ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىسلام كونفرانسى ھەيئىتى بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە يەنە، خىتاينىڭ يىنچۇەن شەھىرىنىمۇ زىيارەت قىلىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ھەيئەت بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات تەييارلايدىكەن.