دۇنيا ئىسلام جەمئىيىتى: ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى تەبىقىگە چۈشۈپ قېلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان

خىتايدا بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغان دۇنيا ئىسلام كونفرانسى ھەيئىتى زىيارەت ئاياغلاشقاندا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئۈرۈمچىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەنى ئاساسلىق ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ زور دەرىجىدە پەرق قىلىدىغانلىقىدەك ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان، دېدى.

0:00 / 0:00

ئىسلام كونفرانسى تەشكىلاتى ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بۇ ھەيئەت ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىسلام كونفرانسى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ئەكمەلەددىن ئېھسانئوغلىنىڭ يوليورۇقى بىلەن ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ۋە خىتايدىكى باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن بېيجىڭ، ئۈرۈمچى ۋە يىنچۇەن قاتارلىق شەھەرلەردە زىيارەتتە بولغان ئىدى.

جىھان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەيئەت باشلىقى قاسىم ئەل ماسرى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە خىتايغا ئېلىپ بارغان بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ ئىسلام كونفرانسى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلىنىڭ يېقىندا خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتى ئالدىدا تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قىلىش بىلەن بىرلىكتە 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەردىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھەيئەت زىيارەت جەريانىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەرقىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا ئېتنىك ۋە دىنى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپ ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇرلار شۇنداقلا خىتايدىكى دىنى ئەركىنلىك مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئېلىپ بارغان. سۆھبەتتە ئىسلام كونفرانسى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، خىتاي دائىرىلىرىمۇ خىتاينىڭ ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھەيئەت ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەنمۇ ئۇچراشقان ۋە شۇنداقلا ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئائىت كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغان. ئۇلار ئۈرۈمچى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن يەنە، خىتايدىكى مۇسۇلمانلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى يىنچۇەننىمۇ زىيارەت قىلغان.

قاسىم ئەل ماسرى مۇخبىرلارنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا، "بىز خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تېنچ يوسۇندا نامايىش قىلىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبلىرى بار. مېنىڭ قارىشىمچە، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۇيغۇرلار بىلەن رايوندىكى باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدە زور پەرقنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدۇر،" دەپ جاۋاب بەرگەن. قاسىم ئەل ماسىرى سۆزىنى يەنە مۇنداق داۋام قىلغان: "خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەنى 'ئۈچ خىل كۈچلەر' دەپ ئاتاۋاتقان تېررورچى، بۆلگۈنچى ۋە رادىكال دىنچى گۇرۇپپىلارنىڭ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. بىز بۇ كۈچلەرنىڭ ۋەقەدە قولى بارلىقىنى تامامەن ئىنكار قىلمايمىز. ئەمما بۇنى دەپلا ۋەقەگە سەۋەب بولغان ھەقىقىي ئامىللارنى تامامەن يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ. بىز بۇنى خىتاي دائىرىلىرىگىمۇ دېدۇق، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنىڭ ۋەقەنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەنلىكى بىر ھەقىقەت".

ئىسلام كونفرانسى ھەيىئىـتى باشلىقى قاسىم ئەل ماسرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئۇ ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ رايوندىكى باشقا مىللەتلەردىن كۆرۈنەرلىك ھالدا تۆۋەنلىكىنىڭ ۋەقەنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن خىتاي دائىرىلىرىمۇ بۇنى قوبۇل قىلغان.

ئەل ماسرى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا: "مەن ئىنتايىن خۇشاللىق بىلەن شۇنى دېيەلەيمەنكى، بىز بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىمۇ مۇشۇنداق بىر مەسىلىنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار بۇنىڭ خىتايدىكى تېز تەرەققىياتنىڭ مەنپىي نەتىجىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر رايونىدىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىمۇ تۇرمۇش سەۋىيە پەرقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ھازىر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى دېدى،" دېگەن.

ئىسلام كونفرانسى تەشكىلاتى باشلىقى ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلىنىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بولغان قاسىم ئەل ماسىرى يەنە مۇخبىرنىڭ خىتايدىكى دىنى ئىشلار مەسىلىسى توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: " بىز بۇ مەسىلىنى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا سۆزلەشتۇق، بىز قولىمىزدىكى خىتايدا دىنىي بېسىمنىڭ بارلىقىغا دائىر پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. شەخسەن مەن ئۆزەممۇ نىڭشيادىكى دىنىي ۋەزىيەتنىڭ ئۈرۈمچىگە قارىغاندا كۆپ ئەركىنلىكىنى ھېس قىلدىم" دېگەن. ئۇ يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىسلام كونفرانسى بىلەن مۇناسىىۋەتلىرىنى داۋاملىق ھالدا تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

جىھان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ ھەيئەت بېيجىڭدا ئىسلام كونفرانسىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنى چاقىرتىپ يىغىن ئاچقان ۋە يەكشەنبە كۈنى ئاخشام سائەتلىرىدە بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ خىتايدىن ئايرىلغان.

دۇنيا ئىسلام كونفرانسى تەشكىلاتى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىنمۇ ۋەقە ھەققىدە ئىنتايىن ئوچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ ۋەقەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دېگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۈرۈمچىگە بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئىسلام كونفرانسىنىڭ بۇ تەلىپى بىلەن خىتاي ئۇلارنى تەكلىپ قىلغان ئىدى.

ئىسلام كونفرانسىنىڭ بىر ھەپتىلىك زىيارەتتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى. چۈنكى خىتاي تېلېۋىزىيە قاناللىرى داۋاملىق ھالدا "ئىسلام كونفرانسى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە بىزنى قوللىدى، بىزنىڭ ئالغان تەدبىرلىرىمىزنىڭ ھەقلىق بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى" دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى قىلغان ئىدى. ئەمما ھەيئەت باشلىقى قاسىم ئەل ماسرىنىڭ زىيارەتتىن كېيىن بەرگەن بۇ باياناتلىرى خىتاي مەتبۇئاتلىرى تەشۋىق قىلغاننىڭ تامامەن ئەكسىچە بولۇپ چىقتى.

جىھان خەۋەر ئاگىنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، مەزكۇر ھەيئەت بۇ زىيارەت ھەققىدە رەسمىي بىر دوكلات تەييارلايدىكەن.