ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى: 'ئۇيغۇرلارغا مىللىي ۋە دىنىي ھوقۇقلار تېخىمۇ كەڭ يوسۇندا بېرىلىشى كېرەك'

دۇنيا ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇردى. ئۇ بېيجىڭدا قايتىش ئالدىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي، دىنى ھوقۇقلىرى ئۈستىدە مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى.

0:00 / 0:00

دۇنيا ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى پىكرىنى ناھايىتى ئوچۇق ۋە كەسكىن بىلدۈرگەن. باش كاتىب ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى ئەينى چاغدا " بۇ توقۇنۇشنىڭ قانداقتۇ مىللىي زىددىيەت ئەمەس، بەلكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان بىر مەسىلە " ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان. ۋە بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە مەزگىلى يېقىنلىشىپ قالغان مەزگىلدە دۇنيادىكى تەسىرى چوڭ بىر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىبى ۋە خىتايغا قارىتا ئۆز پىكرىنى بايان قىلىشتىن ئېھتىيات قىلمىغان بىر كىشىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدا زىيارەت ئېلىپ بېرىشى ئالاھىدە دىققەت تارتتى.

ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى بۇ قېتىملىق زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدىمۇ دىپلوماتىك ئۇسلۇب ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە دائىر مۇھىم نوقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ قوغدىنىش ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

جىھان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى قەشقەردىكى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي باشلىقلىرىغا "قەشقەر قەدىمىي بىر شەھەر، بۇ تارىخىي شەھەرنى قوغداڭلار، بۇ قەدىمىي شەھەر يېڭى زامانىۋى بىنالارنىڭ ئىچىدە غايىب بولۇپ كەتمىسۇن" دېگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىھسانئوغلى سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىمۇ تىلغا ئالغان. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكىنى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ باشقا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكىدەك سەۋىيىگە يەتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ھەقلىرىنىڭ بېرىلىشى ھەققىدە بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ": ئىقتىساد بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ھوقۇقلىرى تېخىمۇ كەڭ يوسۇندا بېرىلىشى كېرەك. خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە بېرىلىشى كېرەك. خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا نۇرغۇن ھوقۇقلار بەلگىلەنگەن ئىكەن. بىز ئەنە شۇ قانۇننىڭ ھەقىقىي تۈردە يولغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىمىز" دېگەن.

ئىھسان ئوغلى مۇخبىرنىڭ رايوندىكى زىيارەت جەريانىدا سىزنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرغان نۇقتا قايسى بولدى، دېگەن سوئالىغا جاۋابەن مەھمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مازىرىغا قىلغان زىيارىتىنىڭ ئۆزىنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇ يەردە نۇرغۇن ياشانغان كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىگىنى بىلدۈرگەن.

بىز ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى ئەكمەلەددىن ئېھسانئوغلۇنىڭ بۇ زىيارىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە تۈركىيىدىكى ئىلاھىيەتشۇناسلىق دوكتورى ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئاتاۋۇللاھ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى ئۆزى بىر تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى بولۇپ، ئۇ قەشقەردىكى زىيارىتىدە مەسىلىگە قارىتا تارىخى جەھەتتىن كۆزىتىش ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداپ قېلىش ھەققىدە قىلغان سۆزى خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى چېقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىنى يوقىتىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە دەل جايىدا ۋە ئىنتايىن توغرا قىلىنغان بىر سۆز بولغان.

ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئەپەندى ئېھسانئوغلۇنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر رايونىنى تاشقى دۇنياغا تاقاق ھالەتتە تۇتۇپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر زىيارەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە رۇخسەت قىلىشىنى ئىجابىي بىر قەدەم دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنىمۇ نىيەت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.