دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە قانۇنى خەلقئارا قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن تۈزۈلگەن قانۇن بولماستىن، بەلكى خىتاينىڭ سىياسىتىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن قانۇن بولغاچقا، خىتايدا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھوقۇقى قانۇندىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ قېتىم قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن بويىچە ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ سىياسىتى بويىچە جازالىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
دىلشات رىشىت ئەپەندى، بۇ قېتىم قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىلەردە ئۇچرايدىغان مۇئامىلىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارتقان جىنايەتلەرنى ئىقرار قىلدۇرۇش يولىدىكى جىسمانىي تەن جازاسىغىلا ئۇچراپ قالماستىن، بەلكى روھى جەھەتتىكى قاتتىق بېسىم ھەم پسىخىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلدى.
ئىلگىرى سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ خىتاي تۈرمىسىدە 5 يىل ياتقان مالىك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى سىياسىي جىنايەتچىلەرگە قارىتىلغان ئېغىر تەن جازاسى ھەم روھى جەھەتتىن قورقىتىپ ئىقرار قىلدۇرۇش ئۇسۇلى ھەققىدە توختالدى.
مالىك ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" سەۋەبىدىن تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەنسىرىشىنى ئىپادىلىدى.
خىتاي تۈرمىلىرىدە چەتكە باغلانغان ئۇنسۇر، مىللىي بۆلگۈنچى،كومپارتىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى تۈرلۈك زوراۋانلىق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىگەن دەپ ئەيىبلىنىپ خىتاي تۈرمىلىرىدە 3 قېتىم ياتقان، ئۆز ھاياتىنىڭ ئاز كەم 20 يىللىق ھايات مۇساپىسىنى خىتاي تۈرمىلىرىدە ئۆتكۈزگەن بىر ئۇيغۇر ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ، خىتاي تۈرمىلىرىدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھەم ئۆزى كۆرگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلغان ئىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، گەرچە خىتاي تۈرمىلىرىدىكى تەن جازاسى ھەققىدە ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم خىتايغا مەخسۇس ئۆمەك ئەۋەتىپ، خىتاي تۈرمىلىرىنى تەكشۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر قېتىم تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرى كېلىشتىن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرمىلەردە مەھبۇسلارغا قارىتا قورقىتىش، پوپوزا قىلىش قاتارلىق ۋاستىلارنى قوللىنىپ تۈرمىدىكى مەھبۇسلاردىن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەشكە پۇرسەت بەرمىگەن ئىكەن.
2007 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەخسۇس ئۆمەك ئەۋەتىپ خىتاي تۈرمىلىرىنى تەكشۈرگەن چېغىدا خىتاي تۈرمىلىرىدە ياتقان بىر ئۇيغۇر ئىستانسىمىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ قېتىملىق خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكى كېلىشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى، ئۈرۈمچى باجىياخۇ تۈرمىسىدە گۇندىپايلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تازىلىق ئېلىپ بارغانلىقى ھەم مەھبۇسلارغا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، "ئەگەر كىمدە - كىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرگۈچىلىرىگە تۈرمىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتسا، ئۇ كىشى ئاخىرەتلىكى ئۇچۇن تەييارلىق قىلىپ قويسۇن" دەپ پوپوزا قىلغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" توغرىسىدا بايانات بېرىپ، قولغا ئېلىنغانلار سانىنىڭ 2000 دىن ئاشقانلىقىنى مۇقىملاشتۇردى، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بۇ ساننىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى، ئەمەلىيەتتە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ تېخىمۇ جىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى،چۈنكى ھازىر خىتاي تۈرمىلىرى يېتىشمىگەنلىكى ئۇچۇن خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇرلارنى ھەتتا ھەربىي گازارمىلارغا قامىغانلىقى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بايان قىلدى.
"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ئۇيغۇرلار شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا خەلقى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالدى.
ھازىر قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىلەردە دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان تۈرلۈك قىيىن - قىستاقلار ھەققىدىكى ئەنسىرەش كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ قانۇن بويىچە ئادىل مۇئامىلىگە ئېرىشىشىنى تەلەپ قىلماقتا.