بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي كومىسسارلىقى گەرچە مۇساپىرلار مەسىلىسى ئۈستىدە جىددىي خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا دۇنيادىكى مۇساپىرلار مەسىلىسىگە تۈپتىن چارە تېپىش مۇمكىن بولماي كەلمەكتە. ئۇنداقتا مۇساپىرلىقنىڭ تارىخى قاچان باشلانغان، قانداق كىشىلەر مۇساپىر بولىدۇ، ئۇلار قانداق مەسىلىلەرگە دۇچار بولماقتا؟ بۇ ھەقتە يېقىندا تۈركىيىدە ئېچىلغان مۇساپىرلار مەسىلىسى يىغىنىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي كومىسسارلىقى ئىستانبۇل ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى فۇئات ئۆزدوغرۇ ئەپەندى تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن ئىدى.
فۇئات ئۆزدوغرۇ ئەپەندى ئالدى بىلەن دۇنيادىكى ئۇرۇشلار ۋە بۇ ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە مۇساپىر بولغانلار ھەققىدە سانلىق مەلۇماتلارنى بېرىپ ئۆتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: " ھازىر مەن دۇنيادىكى ئەر مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە تۈركىيىدىكى تەتبىقلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن. بۇنىڭدىن ئاۋۋال بەزى قىزىقارلىق ستاتىستىكا نەتىجىلىرى بار، بۇلار ھەققىدىمۇ سىلەرگە مەلۇمات بېرىپ ئۆتىمەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 3600 - يىلدىن بېرى تارىختا قەيىت قىلىنغان جەمئىي 14مىڭ 500 دىن كۆپ ئۇرۇش بار. بۇ ئۇرۇشلار 4 مىليارد ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان بولۇپ، بۇ ھازىرقى دۇنيا نوپۇسىنىڭ 3تەن 2 قىسمىغا باراۋەر 1945 - يىلىدىن بېرى بولۇۋاتقان ئۇرۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ يۈزدە توقسىنى ئاۋام خەلق بولۇپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا بۇ نىسبەت يۈزدە ئون پىرسەنت، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يۈزدە 50 پىرسەنت ئىدى. ئۇرۇشلارنى ئەر كىشىلەر پىلانلايدۇ ۋە قىلىدۇ. ئەمما ئۇرۇشتا ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلار بولسا ئاياللار ۋە بالىلار. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، 1999 - يىلى دۇنيا كۈچلىرى پەقەتلا ئۆزلىرىنىڭ ئارمىيىسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈنلا 719 مىليارد دوللار چىقىم قىلغان. بۇ پۇلنىڭ 500 مىليارد دوللىرىنىڭ ئۆزىلا پەقەت شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ. بۇ پۇل ھازىرغىچە دۇنيادىكى يوقسۇللۇقنى مۇتلەق يوق قىلىش ئۈچۈن كېتىدىغان پۇلنىڭ 14ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بولسا تېنچلىق بىرلىكى ئۈچۈن يىلدا پەقەت بىر مىليارد دوللار پۇل خەجلەيدۇ."
فۇئات ئۆزدوغرۇ ئەپەندى دۇنيادىكى نوپۇس ھەرىكىتىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "دۇنيادىكى نوپۇس ھەرىكەتلىنىشىگە قارايدىغان بولساق، دۇنيادا ھايات كۈندىن - كۈنگە قېيىنلاشماقتا ۋە مىليونلارچە ئىنسان كېلەچەكلىرىنى باشقا دۆلەتلەردىن ئىزدەشكە مەجبۇر بولماقتا. ئىنسانلار باشتا ئىقتىسادىي مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئۇنىڭدىن قالسا ئىچكى ئۇرۇشلار، توقۇنۇشلار، تەبىئىي ئاپەتلەر، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىگە ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇرلانماقتا. ھازىر ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى 200 مىليون ئەتراپىدا. بۇ رەقەم دۇنيانىڭ 5 - چوڭ دۆلىتى بولغان بىرازىلىيىنىڭ نوپۇسى بىلەن تەڭ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىسسىيونىنىڭ ئارخىپلىرىدىن قارىغاندا، دۇنيادا ھازىر تەخمىنەن 10 مىليون مۇساپىر ۋە شۇنداقلا ئۆز دۆلەتلىرى ئىچىدە يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان 13 مىليون كىشى بار. ئىنسانلار بەزىدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن، تېخىمۇ ياخشى ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ۋەتىنىدىن ئايرىلسا، يەنە بەزىدە مەجبۇرىي ئاساستا ۋەتىنىدىن ئايرىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق ۋەتىنىدىن مەجبۇرىي ھالدا ئايرىلغان كىشىلەرنى خەلقئارا قانۇندا مۇساپىر دەپ ئاتايدۇ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي كومىسسارلىقى بۇ مۇساپىرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىگە ئىگە."
فۇئات ئۆزدوغرۇ ئەپەندى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: "بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ئىككى چوڭ ۋەزىپىسى بار. بىرى، خەلقئارالىق قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. بۇ چېگرىدىكى مۇساپىرلارنىڭ ھاياتىي خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قېلىشىنىڭ، قېچىپ چىققان يېرىگە قايتۇرۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېمەك. ئىككىنچى ۋەزىپىسى بولسا ئۇلارنىڭ دەردىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر داۋا تېپىش يەنى ھۆكۈمەت ۋە دۆلەتلەر بىلەن ئىش بىرلىكى قىلىپ مۇساپىرلار مەسىلسىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر چارە تېپىش. بۇنىڭ 3 خىل ئۇسۇلى بار. بىرىنچىسى، دۆلەتلىرىدىكى ۋەزىيەت ئوڭشالغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىپ بېرىشىغا ياردەم قىلىش. ئىككىنچى چارە بولسا لوكال ئېنتېگراسيون دەپ ئاتىلىدىغان ئۇسۇلنى ئىشلىتىش. بۇ دېگىنىمىز مەزكۇر كىشىنىڭ مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان دۆلەت بىلەن بولغان پۈتۈنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. بۇ قانۇنىي يوللار ئارقىلىق پۈتۈنلىشىش ھەم مەنىۋىي جەھەتتىن پۈتۈنلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. ھەتتا بۇنىڭدا مۇساپىر كىشى شۇ دۆلەتنىڭ ۋەتەنداشلىقىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۈچىنچى بىر ئۇسۇل بولسا، مەزكۇر كىشىنى ئۆزى ئىلتىجا قىلغان دۆلەتتىن باشقا بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش. مەسىلەن، تۈركىيىگە كېلىپ ئىلتىجا قىلغان بىر كىشىنىڭ ئەگەر مۇساپىرلىققا شەرتى توشسا، ئۇ كىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي كومىسسارلىقى تەرىپىدىن 3 - دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. مۇساپىرلارنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلىدىغان دۆلەتلەر بولسا ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەر، كېيىنكى يىللاردا ھەتتا بىرازىلىيىمۇ بۇ دۆلەتلەرنىڭ قاتارىغا كىردى."
0:00 / 0:00