بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي كومىسسارلىقى گەرچە مۇساپىرلار مەسىلىسى ئۈستىدە جىددىي خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا دۇنيادىكى مۇساپىرلار مەسىلىسىگە تۈپتىن چارە تېپىش مۇمكىن بولماي كەلمەكتە. ئۇنداقتا مۇساپىرلىقنىڭ تارىخى قاچان باشلانغان، قانداق كىشىلەر مۇساپىر بولىدۇ، ئۇلار قانداق مەسىلىلەرگە دۇچار بولماقتا؟ بۇ ھەقتە يېقىندا تۈركىيىدە ئېچىلغان مۇساپىرلار مەسىلىسى يىغىنىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي كومىسسارلىقى ئىستانبۇل ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى فۇئات ئۆزدوغرۇ ئەپەندى تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن ئىدى.
فۇئات ئۆزدوغرۇ ئەپەندى سۆزىدە تۈركىيىنىڭ مۇساپىرلار ئۈچۈن مۇھىم كۆۋرۈك دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ب د ت مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي كومىسسارلىقى ئىستانبۇل ئىشخانىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:"تۈركىيە كۈنىمىزدە مۇساپىرلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا مۇھىم بىر كۆۋرۈك دۆلەت رولىنى ئوينىماقتا. شۇڭا تۈركىيە نۇرغۇن كىرىزىسلارغا دۇچ كەلگەن. مەسىلەن تۈركىيىگە 1988 - يىلىدا ھەلەپچە قىرغىنچىلىقىدىن قېچىپ كەلگەنلەر بار. 1993 - يىلى يۈز بەرگەن قولتۇق ئۇرۇشىدىن كېيىن تۈركىيىگە قېچىپ كەلگەنلەر بار. ئۇ ۋاقىتتا 500 - 600 مىڭگە يېقىن كىشى چېگرىدىن قېچىپ تۈركىيىگە مۇساپىر بولۇپ كەلگەن ئىدى. 1990 - يىلىدا يەنە يۇگوسلاۋىيە ئىختىلاپىدا قېچىپ كەلگەن بوسنىيىلىكلەر بار ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار قىرىقلار ئېلى ۋىلايىتىدىكى كامپىغا يەرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، كامپتا ناھايىتى ئۇزۇن مۇددەت ياشىغاندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرى بولۇپ 2000 - يىلى بۇ كامپ ئېتىلگەن ئىدى. ئۇندىن باشقا يەنە 1999 - يىلى كوسوۋا ئۇرۇشى بىلەن قېچىپ كەلگەنلەرمۇ بار. ئەمما ئۇلار كامپتا قىسقا مۇددەت قالغاندىن كېيىن كوسوۋا ئۇرۇشىنىڭ ئاياقلىشىشى بىلەن ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتقان ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ تۈركىيە ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت دائىرىسىدە بولغان مۇساپىرلارنىڭ سانى 13 مىڭ 385 كىشى. بۇنىڭ 8 مىڭ 55 ئى مۇساپىرلىققا قوبۇل قىلىنغانلار، قالغان 5 مىڭ 309 كىشى بولسا پاناھلىق تىلىگۈچى. يەنى بۇلار ئارخىپلىرى تەكشۈرۈلۈۋاتقان تېخى بىر قارار چىقمىغان كىشىلەردۇر. بۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە قارايدىغان بولساق %31 ئى ئىرانلىق، 41 پىرسەنتى ئىراقلىق، %10 ھەرقايسى دۆلەتلەردىن %7 ئى ئاۋغانلىق. بۇنى توپلىسىڭىز يۈز پىرسەنت چىقىدۇ لېكىن بۇنىڭ ئىچىدە ناھايىتى ئاز ساندا باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەنلەرمۇ بار. مۇساپىرلارنىڭ %58 ئى ئەرلەر، %42 ئى ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان. بۇ كىشىلەرنىڭ مۇساپىر بولۇشىغا سەۋەپ بولغان ئامىللار ئاساسى جەھەتتىن ئىقتىسادىي، قانۇنىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي، پىسخىك ئامىللارغا بۆلىنىدۇ.
فۇئات ئۆزدوغرۇ ئەپەندى مۇساپىرلار ۋە مۇساپىرلىققا قوبۇل قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغۇچى ئىلتىجاچىلار يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: " ئەمدى بۇ كىشىلەر مۇساپىر بولغاندىن كېيىنكى مەسىلىگە كېلىدىغان بولساق، بۇلار ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ئىختىلاپلار، ئائىلە ۋە تونۇش - بىلىشلىرىدىن ئايرىم قېلىش، پەرقلىق بىر مەدەنىيەتنىڭ ئىچىدە قېلىش، ساۋاتسىز بولۇپ قېلىش ھەتتا ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچراش، ئىجتىمائىي ئورنىنى يوقىتىش ۋە سالامەتلىك قاتارلىق بىر تۈركۈم مەسىلىلەرگە يولۇقماقتا. ئىجتىمائىي ئورنىنى يوقىتىش دېگىنىمدە ئېسىمگە داۋاملىق بىر ئىش كېلىدۇ. بوسنىيە ئىختىلاپى بولغاندا تۈركىيىدە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر ئايال ئۆزىنىڭ بوسىنىيىدە بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا پروفېسسور ئىكەنلىكىنى دەپ بەرگەن ئىدى، ئەمما ئۇ بۇ يەردە تازىلىق ئىشچىلىكى قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. پىسخىك مەسىلىلەرگە كەلسەك ئۇلارنىڭ دۆلەتلىرىدە بېشىغا كەلگەن كۈن سەۋەبلىك ۋە قېچىش جەريانىدا باشتىن كەچۈرگەن قورقۇش، قولغا چۈشۈپ قېلىش ۋە ھاياتىي خەۋپ ئۇلارنى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى يوقىتىش، ئاچچىقىغا ھاي بېرەلمەسلىك، كۆز ئالدىنى كۆرەلمەسلىك، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغاندەك بولۇش ۋە بارغانسېرى ئارتىۋاتقان مەسىلىلەرگە ئوخشاش پىسخىك كېسەللەرگە گىرىپتار قىلماقتا. مۇساپىرلىق ئۆلچىمىگە توشۇپ 3 - دۆلەتكە قوبۇل قىلىنغانلار تەلەيلىك ھىسابلانسىمۇ ئۇلارمۇ خۇشاللىق بىلەن ئەندىشىنى بىرلا ۋاقىتتا ھېس قىلىدۇ. چۈنكى ئالدىدا ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان يات بىر دۆلەت، يات مەدەنىيەت ۋە يات جەمئىيەت بار. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن مۇساپىرلىققا قوبۇل قىلىنمىغانلار بولسا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۇلار ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان دۆلەتتە تۇرۇش رۇخسىتى تۈگەيدىغانلىقى ئۈچۈن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. ئۇلار بولسا ھەر ۋاقىت يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق كىشىلەرنىڭ يامان يولغا كىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. شۇڭا بىز بۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىز تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق توختامنامىلىرى تۈزۈپ مۇساپىرلارنىڭ بۇ خىل قيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز."
0:00 / 0:00