كۆچمەن مۇساپىرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ۋە ئۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 2000 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىنغان قارار بىلەن ھەر يىلى 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى دەپ ئېلان قىلىندى.
2009 - يىلى 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ دالا سەيلىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر، چېچەن ۋە تۈركمەن قاتارلىق مىللەتلەردىن تۈركىيىدە مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان كىشىلەر دەۋەت قىلىنغان بولۇپ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 250 كە يېقىن ئائىلە ئىشتىراك قىلدى.
پائالىيەت ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ ئارناۋۇت كۆيى ۋادىسىدىكى قارغاي دەرىخى بىلەن قاپلانغان ئورمانزارلىقتا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە ھەر خىل پروگراممىلار ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ،ئۆسمۈر بالىلار ئۇيغۇر ۋە تۈرك تىلىدا شېئىر ۋە ناخشا ئوقىدى، ھەر خىل ئويۇنچۇقلار ئوينىدى، ئاتلاش، سەكرەش، سىيرىلىش قاتارلىق ئويۇنلارنى ئويناپ خۇشاللىققا چۈمدى.
پائالىيەت جەريانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ب د ت كۆچمەنلەر كومىتېتىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى فۇئات ئۆزىدوغرۇ، ژۇرنالىست ئابدۇراخمان دىلىپاك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان، ئاھىسكالار ياردەملىشىش ۋەخپىنىڭ باشلىقى مەھمەت ئوغۇز ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپ ساندا رادىئو - تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت مۇخبىرلىرى ئىشتىراك قىلدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياۋۇز دەدە ئەپەندى، ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى ژۇرنالىست ئابدۇراخمان دىلىپاك كۆچمەن مۇساپىرلار ھەققىدە سۆز قىلدى.
ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياۋۇز دەدە ئەپەندى دۇنيادىكى ۋە تۈركىيىدىكى كۆچمەن مۇساپىرلار ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ خىزمەت مەقسىتىمىز ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆچمەن مۇساپىرلارغا ۋە قىيىن ئەھۋالدا قالغان مەزلۇم ئىنسانلارغا ياردەم قىلىش. دۇنيادا ھازىر ئىچكى ئۇرۇش ۋە ئىشغالىيەت سەۋەبىدىن 46 مىليون ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئۇزاق يەرلەردە مۇساپىرلىق ھايات كەچۈرمەكتە. بىز بۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ بولسىمۇ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز. 2008 - يىللىق ئىگىلەنگەن ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، دۇنيادا 26 مىليون ئىنسان ئۆز دۆلىتى ئىچىدە باشقا يۇرتلارغا كۆچمەن بولغان. 16 مىليون ئىنسان ئۆزى بىخەتەر ھېس قىلغان دۆلەتلەرگە كۆچۈپ مۇساپىر بولغان. تۈركىيىدە بولسا 18 مىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان كۆچمەن مۇساپىر بولۇپ، تىزىمغا ئالدۇرمىغان مۇساپىرلارنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا كۆچمەنلەرنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ. تۈركىيىدە شەرقىي تۈركسىتاندىن كۆچۈپ كەلگەن مۇساپىرلار بار بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىن جەمئىي 2 مىليون شەرقىي تۈركىستانلىقلار باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇساپىرلارغا ئالاقىدار بىر قانۇن لايىھىلىشى لازىم. بۇ قانۇن لايىھە يولغا قويۇلمىغانلىقتىن تۈركىيە ئىچىدىكى كۆچمەن مۇساپىرلار ھەقىقەتەن ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كەلدى. كۆچمەن مۇساپىرلارغا ئالاقىدار بىر قانۇن لايىھىلەنمىگىچە تۈركىيىدىكى كۆچمەن مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ.
پائالىيەت جەريانىدا رادىئو - تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. بۇ پائالىيەت شۇ كۈنى كەچتە تۈركىيىنىڭ ATV ۋە Kanal 24 قاتارلىق بىر قانچە چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللارنىڭ كەچلىك خەۋەر پروگراممىسىدا ئېلان قىلىندى.
بىز ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ژۇرنالىست ئابدۇراخمان دىلىپاك ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئابدۇراخمان دىلىپاك ئەپەندى "سىزچە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەن بولۇش مەسىلىسى قانداق ھەل بولىدۇ؟ " دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: كۆچمەنلەر مەزلۇمدۇر، مەزلۇمنىڭ مىللىتى، دىنى، جىنسىيىتى ئايرىلمايدۇ، مەيلى شەرقىي تۈركىستانلىق بولسۇن، مەيلى باشقا يەرلىك بولسۇن، مەزلۇمغا ياردەم قىلىش كېرەك. ئەلۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا بىر تراگېدىيە يۈز بېرىۋاتىدۇ، بۇ تراگېدىيە ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈش بىلەن ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنىشى بىلەن باشلاندى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركستان ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ئازايتىشى لازىم. ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى دۇنياغا توغرا شەكىلدە ئاڭلىتىش لازىم.
خىتاي ھاكىمىيىتى بۇددا دىنىدىكى خىتايلارنىمۇ باستۇرۇۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆز پوقرالىرىنىمۇ باستۇرۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى چىقىش لازىم. بۇنىڭدا مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىچكى رايونلىرىدىكى باشقا ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ۋە ھەق - ھوقۇقنى چۈشىنىدىغان توغرا ئىنسانلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم. يەنى شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتى پەقەت تۈرك دۇنياسىنىڭ خىتايغا قارشى ئىتتىپاقلىشىش ۋە خىتاي مەزلۇملارنىڭ شۇنداقلا خىتايدىكى ھەق - ھوقۇقنى، ئادالەتنى چۈشىنىدىغان ئىنسانلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلىلەرنى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى دەپ قاراش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ. خىتاي بىر يېرىم مىليارد نوپۇسقا ئىگە بىر دۆلەت، ئۇنچىلا كۆپ نوپۇس بار يەردە ئەلۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەق - ھوقۇقنى ۋە ئادالەتنى قوللايدىغان ئىنسانلار مەۋجۇت.
بىز بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلار مەسئۇلى ئابدۇلكەرىم ئەپەندى بىلەن بۇ پائالىيەت ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.