دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2009 - يىللىق ئەيدىز كېسىلى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەلقئارا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2009 - يىللىق ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر يەر شارى بويىچە، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 33 مىليون 400 مىڭ بولۇپ، ئەيدىز كېسىلى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر سانى 25 مىليون ئىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىشىچە 2008 - يىلىدىن كېيىن، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار سانى 2 مىليون 700 مىڭ كىشى بولۇپ، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئازايغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىلگىرى يۇقۇملىنىش نىسبىتى بىر قەدەر ئېغىر بولغان ئافرىقىنىڭ سەھرايى كەبىر چۆللۈكىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا، بۇلتۇرقىدىن باشلاپ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىدىغانلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئازايغان بولۇپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن 400 مىڭ ئادەم ئازايغان. يەنى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئەڭ ئېغىر بولغان 2001 - يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 15% ئازايغان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە 2001 - يىلدىن ھازىرغىچە شەرقىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئازايغان بولۇپ، شەرقىي ئاسىيا رايونىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 25% ئازايغان، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى 10% ئەتراپىدا ئازايغان.

ئەمما خىتايدا بۇ ئىككى ‏ - ئۈچ يىلدىن بۇيان ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 24 - نويابىر كۈنى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە ئېچىلغان، "2009 - يىللىق يەر شارى بويىچە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىدىن دوكلات" يىغىنىدا خىتاي سەھىيە مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇاڭ جېفۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، بۇ يىل 10 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، خىتايدا مەلۇم قىلىنغان ئەيدىز كېسىلى يۇقۇمدارلىرى740 مىڭغا يەتكەن.

خىتاي سەھىيە خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،2009 - يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن 48 مىڭ نەپەر ئەيدىز يۇقۇمدارى ئىچىدە، ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببەتلىشىش ئارقىلىق يۇقۇملانغانلار 32.5% نى ئىگىلىگەن. رايون نۇقتىسىدىن ئالغاندا، خىتاينىڭ غەربىي جەنۇب تەرەپتىكى ئۆلكىلىرىدە ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ جىنسى ئالاقە قىلىشى سەۋەبىدىن ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالغانلار نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، گۈيياڭ، كۈنمىڭ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئىچىدە، ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ جىنسى ئالاقە قىلىشى سەۋەبلىك ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالغانلار 10% كە يەتكەن.

خىتاي سەھىيە خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا ئوخشاش جىنسلىقلار ئۆز -ئارا مۇھەببەتلىشىدىغانلار سانى تېزلىكتە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز بويى رايونلىرى ۋە غەربىي جەنۇبىدىكى ئۆلكىلەرگە تارقالغان. گۈيياڭ شەھىرىدە ئوخشاش جىنسلىقلار ئۆز ‏ - ئارا مۇھەببەتلىشىدىغانلار 100 نەچچە مىڭغا يەتكەن، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە 80 مىڭغا يەتكەن. نۆۋەتتە بۇ خىل كىشىلەر توپىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى تارقىتىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرىلىقى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن. ھالبۇكى 2004 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم خەلقئاراغا خىتايدىكى ئوخشاش جىنسلىقلار ئۆز - ئارا مۇھەببەتلىشىدىغانلار، تەخمىنەن 5 مىليوندىن دىن 10 مىليونغىچە دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى تېزلىكتە ئېشىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش يولى ئىلگىرىكى يىللاردىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ئورتاق بىر ئوكۇل يىڭنىسىنى قوللىنىشى ۋە قان بېرىش ئارقىلىق يۇقۇشتىن ئەيدىز كېسىلى مىكروبىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بىلەن ئۆز - ئارا جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش سەۋەبىدىن يۇقۇشقا يۈزلەنگەن.

خىتايدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئېشىپ بېرىش ئەھۋالىغا نىسبەتەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مىچەل سىدىبې ئەپەندى پىكىر بايان قىلىپ، "گەرچە بىر مىلياردتىن ئارتۇق ئاھالىگە نىسبەتەن، خىتايدىكى 740 مىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىمىسىمۇ، لېكىن خىتاي ھازىر ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، خىتايدا تەخمىنەن 50 مىليون ئادەم ئەيدىز كېسىلى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.

مىچەل سىدىبې ئەپەندى يەنە، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەر قايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمىتى ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا داۋالاشنى يولغا قويۇشى، كېسەلگە قارشى تۇرىدىغان دورىلارنى كېسەللىك بايقىلىشى ھامان ئىشلىتىشى لازىملىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەيدىز كېسىلى يۇقۇمدارلىرىغا نىسبەتەن كەمسىتىشنى ئازايتىپ ئۇلارغا ئىنسانىي باراۋەرلىك نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچرىشى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى جەمئىيەتتە ئادەتتىكى پۇقرالار تەرىپىدىنلا كەمسىتىلىشكە ئۇچراپ قالماستىن، ھەتتا ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىغۇچى سەھىيە خادىملىرى ھەم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىنمۇ كەمسىتىلىشكە ئۇچراپ، ھەقىقىي ھالدىكى ئىنسانىي ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىكەن.

مانا بۇ سەۋەبمۇ ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرۇن تۇتۇپ، ۋاقتىدا داۋالىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن.