خىتاينىڭ چەتئەل ئەقلىي مۈلۈك تاۋارلىرىغا قويغان چەكلىمىسى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى نارازى قىلماقتا
2011.03.24
خىتاي 2001-يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغاندا 3 يىل ئىچىدە چەتئەللەرنىڭ ئەقلىي مۈلۈك تاۋارلىرىغا قويۇلىدىغان چەكلىمىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما، 10 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل چەكلىمىنى بىكار قىلمايلا قالماستىن ئەكسىچە، چەتئەللەردىن خىتايغا ئىمپورت قىلىنىدىغان ئۈن-سىن بۇيۇملىرى، كىتاب-ژۇرنال قاتارلىق ئەقلىي مۈلۈك تاۋارلىرىغا بولغان نازارەت ۋە چەكلىمىنى بارغانچە كۈچەيتكەن. نۆۋەتتە بۇ خىل ئەھۋال دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتمەكتە.
خىتاي ئەقلىي مۈلۈك بازىرى سودىسىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى
2011-يىل 19-مارت دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان چەتئەللەردىن كىرگۈزۈلىدىغان ئەقلىي مۈلۈك تاۋارلىرىغا قويۇلىدىغان چەكلىمىنى بىكار قىلىشقا بېرىلگەن مۆھلەتنىڭ ئاخىرقى كۈنى. ئەمما، خىتاي 2001-يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان چاغدا بەرگەن، چەتئەل ئەقلىي مۈلۈك تاۋارلىرىغا قويۇلغان چەكلىمىنى بىكار قىلىش ۋەدىسىنى ئورۇنلىمىغان.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 23-مارتتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى ۋەكىلى نكېنگې خارمون ئەپەندى بۇ ھەپتە بايانات بەرگەن. نكېنگې خارمون ئەپەندى ئۆز بايانىدا «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقىنىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا خىتايدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى چىقارغان، 2011-يىلى 19-مارت كۈنىگىچە خىتايدا چەتئەل ئەقلىي مۈلۈك تاۋارلىرىغا قويۇلغان چەكلىمىنى بىكار قىلىش قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈزلۈكسىز ھالدا چەتئەللەردىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئۈن-سىن بۇيۇملىرى، كىنو-تېلېۋىزور فىلىملىرى ھەم كىتاب، گېزىت-ژۇرنال قاتارلىق نەشر بۇيۇملىرى تاۋارلىرىغا قارىتا قاتتىق تەكشۈرۈش ھەم چەكلىمىنى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خەلقئارا مەدەنىيەت بازارلىرى ھەم نەشرىيات سودىگەرلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ئىدى.
خىتايدىكى ئەقلىي مۈلۈك تاۋارلىرى كۆچۈرمىچىلىكى بۇ ساھەدىكىلەرنىڭ مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچراتتى
خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىن كىرگۈزۈلىدىغان كىنو، ئۈن-سىن فىلىملىرى، كىتاب-ژۇرنال قاتارلىق ئەقلىي مۈلۈك تاۋارلىرىنىڭ خىتايدا سېتىلىشىدا قاتتىق تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، بۇ خىل تاۋارلارغا چەكلىمە قويۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ خىل تاۋارلار خىتايدىكى مەدەنىيەت بازىرىدىكى سودىگەرلەر تەرىپىدىن قانۇنسىز ھالدا كۆچۈرۈلۈپ، خىتايدا تارقىتىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئەھۋال چەتئەل كىنو شىركەتلىرى ھەم نەشرىيات سودىگەرلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان. مەلۇم بولۇشىچە، 2011-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا ئۈن-سىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ تارتقان زىيىنى نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
2007-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى ۋەكىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان چەتئەل ئۈن-سىن بۇيۇملىرىغا چەكلىمە قويۇش ھەم خىتايدا ئەۋج ئالغان چەتئەل ئۈن-سىن فىلىملىرىنى ئوغرىلىقچە كۆچۈرۈپ سېتىش قىلمىشى ئۈستىدىن ئەرز قىلغان. دۇنيا سودا تەشكىلاتى بۇ ئەرزنى قوبۇل قىلغان ۋە 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، خىتاينى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 19- كۈنىدىن ئىلگىرى خىتايدا چەتئەللەردىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئەقلىي مۈلۈك تاۋارلىرىغا قويۇلغان چەكلىمىنى بىكار قىلىش ھەم خىتاي مەدەنىيەت بازارلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان چەتئەل ئۈن-سىن بۇيۇملىرى ھەم كىتاب ژۇرناللارنى ئوغرىلىقچە كۆپەيتىپ بېسىش قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئەگەر خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قارارىنى داۋاملىق ئىجرا قىلمىسا ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتايغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشى مۇمكىن
خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 2008-يىلى چىقارغان قارارىنى ئىجرا قىلماسلىقى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى كىنو، ئۈن-سىن ساھەسىدىكىلەرنى ئەپسۇسلاندۇرغان.
ئامېرىكا ئۈن-سىن بۇيۇملىرى سودا ساھەسىنىڭ ياردەمچى باش دىرېكتورى نېئىل تۇركېۋىتز ئەپەندى خىتايدىكى ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى ئوغرىلىقچە كۆچۈرۈپ تارقىتىش قىلمىشىنىڭ چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىپ، ئۈن-سىن شىركەتلىرىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي تور بېكەتلىرىدە سېتىلىۋاتقان مۇزىكا پلاستىنكىلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمى قانۇنسىز كۆچۈرۈلگەن پلاستىنكىلار. بىز بۇ ئەھۋالغا جىددىي قاراۋاتىمىز. خىتاي چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ مۇزىكا ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى خىتاي بازارلىرىدا ئەركىن سېتىشىغا يول قويۇش كېرەك.»
ئامېرىكا كىنو جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى گرېگ فرازىئېر ئەپەندى خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكىگە ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلماسلىقىدىكى مەقسىتىنى چۈشىنىمىز. بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بۇ مەسىلىدە بىرلىككە كېلىشىنى، خىتاينىڭ ئۆز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
شۋېتسارىيىدىكى سودا ئىشلىرى ئادۋوكاتى خارترىدگې، ئامېرىكىدىكى سودا ئىشلىرى ئادۋوكاتى خاررىس موئۇرې قاتارلىقلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىكى سەۋرچانلىقنى سىناۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك تاۋارلىرىغا قارىتىلغان چەكلىمىنى بىكار قىلماسلىقى، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلماسلىق ئەمەس، بەلكى بۇ قارارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كېچىكتۈرۈۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 23-مارت كۈنى بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلسا، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدىكى تەدبىر قوللىنىش ئېھتىمالى بار» ئىكەن.