شۇنىڭ بىلەن خىتاينى، بۇ يىل 8 - ئايدا دۇنيا سودا تەشكىلاتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قارارغا ئەمەل قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان، كىنو، كىتاب، ژۇرنال قاتارلىق ئەقلىي مۈلۈك تاۋارلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان تەكشۈرۈش ۋە چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ مەدەنىيەت بازىرىدىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا نىسبەتەن، قاتتىق چەكلىمىلەرنى قويۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي مەدەنىيەت بازارلىرىدا ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن كىنو، مۇزىكا پلاستىنكىلىرى، كىتاب - ژۇرنال قاتارلىقلارنىڭ ناھايىتى ئاز نىسبەتنى ئىگىلىشى، ئەكسىچە ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن كىنو، مۇزىكا قاتارلىقلارنىڭ خىتايدىكى مەدەنىيەت ئەتكەسچىلىرى تەرىپىدىن ئوغۇرلىنىلىپ، قانۇنسىز ھالدا كۆچۈرۈلۈپ خىتاي بازارلىرىدا ئەرزان باھادا سېتىلىشى ئامېرىكا مەدەنىيەت ساھەسىدىكى سودا شىركەتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ئىدى.
تۈنۈگۈندىن بۇ قارار چىقىرىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا بۇ قارار ھەققىدە خەۋەر ئانالىزلىرى بېرىلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئامېرىكا سودا تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى كېركىل تۈنۈگۈن ۋاشىنگتوندا بۇ قارار ھەققىدە بايانات بېرىپ، "بۇ ئامېرىكا سودا ساھەسىنىڭ بىر غەلبىسى دېيىشكە بولىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.
كېركىل دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بۇ قارارىنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "بۈگۈن ئامېرىكا بىر زور غەلىبىگە ئېرىشتى دېسەك بولىدۇ. دۇنيا سودا تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان كىنو، مۇزىكا، د ۋ د پلاستىنكىلىرى، كىتاپ -ژورناللارغا قارىتا ئۇزۇندىن بۇيان چەكلىمە قويۇپ كېلىشىنى قانۇنسىز قىلمىش دەپ قارار چىقاردى. بىز دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ سىياسىتىنى رەت قىلغان بۇ قارارىدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇق."
ئامېرىكا كىنو بىرلەشمىسىنىڭ خادىمى گرېك فۇرەيزى ئەپەندى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا بۇ قارارنىڭ ماقۇللىنىشى ئامېرىكا كىنو ساھەسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرىشىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: "بۇ ئامېرىكىنىڭ كىنو ساھەسى ئۈچۈنمۇ بىر زور غەلىبە دېيىشكە بولىدۇ. بىز ئامېرىكىنىڭ كىنو - مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەر ئۇزۇن مۇددەت كۈرەش قىلىش، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بۈگۈنكىدەك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردۇق.بىزنىڭ مەقسىتىمىز مەدەنىيەت سودا بازىرىدىكى بارلىق توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلاش. بۈگۈن دۇنيا سودا تەشكىلاتى بۇ قارارنى چىقىرىپ بىزنىڭ بۇ يىللاردىكى ئەمگىكىمىز ئۈچۈن بىر ئابىدە تىكلەپ بەردى."
ئامېرىكا مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەر 2007 - يىلى 4 - ئايدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك بازىرىغا چەكلىمە قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى تاۋارلىرىغا نىسبەتەن قاتتىق بەلگىلىمىلەر چىقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ كىنو، مۇزىكا ۋە كىتاب ژۇرناللىرىنىڭ خىتايدا سېتىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنغان ئىدى.كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ھەم مېكسىكىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئەرزىگە ئاۋاز قوشۇپ خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك بازىرىغا چەكلىمە قويغانلىقى ئۈستىدىن ئەرز قىلغان ئىدى.
ئەينى چاغدا ئامېرىكا خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك بازىرىغا چەكلىمە قويۇشىنى تۆۋەندىكى 3 نۇقتىدىن ئەيىبلىگەن.
1. خىتاي چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ھەم شەخسلەرنىڭ خىتايغا كىتاب ھەم ئائىلە مەدەنىيەت بۇيۇملىرىدىن د ۋ د، ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى، سىنئالغۇ فىلىملىرى ھەم كىنولارنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىدى. بۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ.
2. خىتاي چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى سېتىشىنى چەكلەپ ئىنتېرنېت قامىلى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ.خىتاي چەتئەلنىڭ د ۋ د پلاستىنكىلىرىغا قارىتا قاتتىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. بۇ خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن چاغدىكى ۋەدىسىگە خىلاپ بولۇۋاتىدۇ.
3. خىتاي ئىمپورت قىلىشقا قوشۇلغان بەزى ئەقلىي مۈلۈك مەھسۇلاتلىرى بازارغا سېلىنىشتىن ئىلگىرىمۇ، خىتاي خىتاينىڭ ئىچىدىكى مەھسۇلاتلارغا قارىغاندىمۇ كۆپ بولغان چەكلىمىلەرنى ۋە تەكشۈرۈشلەرنى يولغا قويۇپ، مەزمۇنلارغا قارىتا چەكلەش، قۇلۇپلاش تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇمۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەقلى مۈلۈك سودا قانۇنىغا خىلاپ بولۇپ، خىتاي 1994 - يىلى ئۆزى قول قويغان دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلدى.
ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ئەرزىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا دودا تەشكىلاتى، 2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قارار ماقۇللاپ، خىتاينى ئامېرىكا ئەقلىي مۈلۈك بازىرىغا قاراتقان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى ئورۇنسىز دەپ ئەيىبلەپ، ئەقلىي مۈلۈك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا قويغان چەكلىمىلىرىنى ئورۇنلۇق دەپ قارايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنغان ئىدى.
خىتاي نارازىلىق ئەرزىدە ئۆزىنى ئاقلاپ، خىتاينىڭ مەدەنىيەت بازىرىدا ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا چەكلىمە قويۇشنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى مۇنداق شەرھلىگەن ئىدى: "1 - دىن، خىتاينىڭ چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ كىتاب ۋە ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار ھەم كىنولىرىغا چەكلىمە قويۇشى، خىتاينىڭ ئەخلاقى ئەنئەنىسىنى قوغدىغانلىقتىن بولۇۋاتىدۇ؛ 2 - دىن، خىتاي ھازىر خىتاي ۋە چەتئەللەر شېرىكچىلىكىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنىڭ خىتايدا سېتىلىشىغا يول قويدى، پەقەت ئىنتېرنېت ئارقىلىق تارقىتىلىپ سېتىلىشىنى چەكلەۋاتىدۇ؛ 3 - دىن، خىتاينىڭ چەتئەللەرنىڭ كىنو، د ۋ د قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويۇشىدىكى سەۋەب بۇ مەھسۇلاتلار تاۋار مەھسۇلاتلىرى ساھەسىگە كىرمەيدۇ، شۇڭا خىتاي بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ خىتايدا چەكلىمىسىز سېتىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ."
ھالبۇكى دۇنيا سودا تەشكىلاتى تۈنۈگۈن خىتاينىڭ نارازىلىق ئەرزىدە ئوتتۇرىغا قويغان سەۋەبلىرىنى ھەممىسىنى ئورۇنسىز دەپ قاراپ، 2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چىقىرىلغان قارارنى كۈچكە ئىگە دەپ جاكارلاپ، خىتاينى كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا سودا ۋەكىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بۇ قارارىغا نىسبەتەن ئەگەر خىتاي يەنە رەت قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولىدىكەن، ئۇ ھالدا ئامېرىكا تەرەپنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن خىتاي ماللىرىغا ئېمبارگو قويۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۈگۈنگە قەدەر ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن 8 تۈرى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان بولۇپ،دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ خىتاي تاۋارلىرى ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزىدىن كۆپ. خىتايمۇ ئامېرىكا ئۈستىدىن 6 تۈردە ئەرز سۇنغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.