دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار ئالدى

ئىستانبۇلدىكى ھىلتون گاردەن مېھمانخانىنىڭ يىغىن زالىدا ئېچىلغان، دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكىنىڭ 15-نۆۋەتلىك يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. يىغىن ئاخىرىدا، تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار 15 ماددىلىق قارار ئېلىنغان بولۇپ بۇ قارارلار يىغىندا ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

قارارنىڭ 1-ماددىسىدا، دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش توغرىسىدا خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسەتلىرىنى دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى قارار قىلدى.

تۈرك دۇنياسى ياشلار بىرلىكىنىڭ 15‏-نۆۋەتلىك ياشلار پائالىيىتى ۋە قۇرۇلتاي يىغىن زالى كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى 16-دېكابىر، ئىستانبۇل.
تۈرك دۇنياسى ياشلار بىرلىكىنىڭ 15‏-نۆۋەتلىك ياشلار پائالىيىتى ۋە قۇرۇلتاي يىغىن زالى كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى 16-دېكابىر، ئىستانبۇل. (RFA/Arslan)

ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئېلىنغان قاراردا مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك بېسىمىنى ۋە ئانا تىلىنى يوق قىلىش سىياسىتىنى ئەيىبلەيدۇ. خۇسۇسەن دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكى، بۇ تەشكىلاتقا قاراشلىق پۈتۈن ئەزا تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر تۈرلۈك زۇلۇم ۋە بېسىملارنى دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەيدۇ.

يىغىندا ئۇيغۇر ۋەكىللەرمۇ سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، ھازىرقى ۋەزىيەتتە دىنىي بېسىمغا ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى، مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشنىڭ چەكلەنگەنلىكى، 4-6 ياش ئارىسىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئېچىلغان يەسلىلەردە ئانا تىلى ئۆگىتىشنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۆگىتىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەپ، ئۇ يەردىن خىتايلارنى كۆپلەپ كۆچۈرۈۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىۋاتقان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلارنى خىتايلارنىڭ سۈمۈرۈۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئاساسىي سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى ئىكەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر مەسىلىسى يىغىن ئەھلىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى ۋە يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

بىز، دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتى ئەزاسى ئەلشاد ئابدۇللايۇف ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەلىشاد ئابدۇللايۇف ئەپەندى ئالدى بىلەن دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە خىزمەت-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن رۇسىيىدىكى كۆپلىگەن تۈرك خەلقلەرنىڭ ياشلار تەشكىلاتلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ 1991-يىلى پۈتۈن رۇسىيىدىكى تۈرك ياشلار تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىكىنى قۇرغان. بۇ ھەقتە تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە باشقا جايلاردىكى تۈرك خەلقلەرگە بۇ بىرلىككە قېتىلىش توغرىسىدا چاقىرىق ئەۋەتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە تۈرك ياشلار بىرلىكى پەقەت رۇسىيە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، پۈتۈن دۇنيادىكى تۈرك ياشلارنى تەشكىل قىلغان بىر بىرلىك قۇرۇش قارار قىلىنغان. دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكى 1992-يىلى 2-ئايدا 12 تۈركى خەلقنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تاتارىستاننىڭ پايتەختى قازاندا تۇنجى قېتىملىق يىغىن ئېچىلغان ۋە بۇ يىغىندا تۈرك ياشلار بىرلىكى رەسمىي قۇرۇلغان. ھازىر بۇ تەشكىلاتنىڭ 18 دۆلەت ۋە رايوندىن 36 تۈرك خەلقىگە ۋاكالىتەن 42 تەشكىلات ئەزاسى بار. دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكىگە شەخسلەر ئەزا بولالمايدۇ، تەشكىلاتلار ئەزا بولىدۇ. ھازىر بۇ تەشكىلاتقا دۇنيانىڭ پۈتۈن جايلىرىدىن ئەزا بولغان تەشكىلاتلار بار، 70 مىليون نوپۇسلۇق تۈركىيە، 30 مىليون ئۇيغۇر، 50 مىليون ئەزەربەيجانلىقلاردىن ئەزالىرىمىز بار. بۇ يىل بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 20 يىل بولدى.

دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكىنىڭ غايە-مەقسەتلىرى، خىزمەت قىلىش ساھەلىرى

ئەلشاد ئابدۇللايۇف ئەپەندى، دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكىنىڭ غايە-مەقسەتلىرى، خىزمەت قىلىش ساھەلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: دۇنيا ياشلار بىرلىكىنىڭ ئاساسى خىزمىتى قۇرۇلتاي يىغىنى ئېچىش بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ تەشكىلات ھازىرغىچە 15 قېتىم قۇرۇلتاي يىغىنى ئۇيۇشتۇردى، ھەر قېتىملىق يىغىننى تۈرك خەلقى كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقان، ئوخشىمىغان شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىمىز. بۇ تەشكىلات ئاساسلىقى، ياشلار ۋە تەنتەربىيە، مەدەنىيەت ۋە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇر-ئاخبارات قاتارلىق ساھەلەردە بۆلۈم-بۆلۈم ھالەتتە خىزمەت ئىشلەيمىز. ھەر قېتىملىق قۇرۇلتايدا ئېلىنغان قارارلارنى يەنە بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي يىغىنى ئېچىلغان ۋاقىتقىچە ئىجرا قىلىشقا تىرىشىمىز.

سوئال: دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايدۇ؟
جاۋاب: دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكى خەلقئارالىق بىر تەشكىلات. شۇ سەۋەبتىن دۇنيا ۋەزىيىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ۋە خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىقنى قوغداش ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدۇ. تۈرك خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى نەچچە يۈز يىل بويىچە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ئىشغالىيەت، قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلىش، ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش دېگەنگە ئوخشاش ۋەقەلەر يۈز بەردى. بىز ھەر تۈرلۈك زۇلۇم ۋە بېسىمغا قارشى. بۇنىڭغا ھېچقاچان ئىرقچىلىق ۋە ياكى مىللەتچىلىك دەپ خاتا چۈشەنچە بەرمەسلىك كېرەك. دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكىنىڭ ئاساسى مەقسىتى ئىنسانلار ئارىسىدا تىنچلىقنى بەرپا قىلىش. ئەمما بۇ تىنچلىق بىر تەرەپلىمە تەلەپلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

سوئال: دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قانداق خىزمەت قىلىش پىلانى بار؟
جاۋاب: ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ خىتاي دائىرىلىرى ئېتىراپ قىلغان بىر ئاپتونوم رايونى بار ۋە بۇ ئاپتونومىيە بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ۋە مەنىۋى قىممەتلىرىدىن مەلۇم قىسمىنى بولسىمۇ قوغداشقا بولىدۇ. ئەمما بۇ ئاپتونومىيە ھوقۇقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيا جامائىتى تەرىپىدىن تونۇلۇشى، تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشى، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدىشى ئۈچۈن كۇپايە قىلمايدۇ. باشقا تۈركىي خەلقلەر، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياشلىرىنى تەلىم-تەربىيە، تەنتەربىيە، مەدەنىيەت، سىياسەت ۋە سەنئەت ساھەلەردە ئوقۇتۇش ئۈچۈن شەرت-شارائىت يارىتىشى كېرەك. بۇ ياخشى بىر ئىش، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك. تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە قازاقىستاندا ئۇيغۇر ياشلارنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن 100 كىشىلىكتىن ئورۇن ئاجرىتىلسا ئۇلار ياخشى ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەندە، بىز بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. ئۇلار خىتاي تىلى بىلىدۇ، خىتايلارنى تونۇيدۇ، ئۇلار تۈرك بولغانلىقى ئۈچۈن بىزنى تونۇيدۇ ۋە بىزنى ياخشى كۆرىدۇ. بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزدە ئۇيغۇرلارمۇ رول ئالسا، بۇ ھەر تەرەپكە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ ئويلايمىز. مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن دۆلەتلەرگە پايدىسى بولىدۇ. بىز بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمىز. بۇ مەقسەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمىز.

سوئال: ئەلشاد ئابدۇللايۇف ئەپەندى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دېمەكچى بولغان قوشۇمچە سۆزىڭىز بارمۇ؟
جاۋاب: ئالدى بىلەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا سالام يوللايمەن. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياشلار تەشكىلاتلىرى ۋە ۋەكىللىرى بىزنىڭ دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكىدە ۋە تەشكىلاتنىڭ خىزمەت پائالىيەتلەردە تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ بولۇشنى خالايمىز. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكىنىڭ ئۇ يەردە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىش ئۈچۈن رول ئېلىشىنى خالايمىز، بۇ بىز ئۈچۈنمۇ ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنمۇ كۈچ قوشىدۇ. سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، دۇنيادا 250 مىليونلۇق بىر چوڭ توپلامنىڭ، تۈرك خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيمەن ۋە ئۇلارغا پۈتۈن ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.