ئۇلار قىلغان سۆزىدە، بۇ يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى يىغىنغا كۆپ ساندا ياش زىيالىيلارنىڭ قاتناشقانلىقىنىڭ كىشىنى قاتتىق سۆيۈندۈرىدىغان بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە يەنە، بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا پەقەت ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇلۇپلا قالماستىن، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يوللىرى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا ساھىپخانلىق قىلىۋاتقان ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىلھام توختى قاتارلىق 8 ئوقۇتقۇچى ۋىزا ئالغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنىڭ تۆتىنىڭ كېلىشىگە رۇخسەت بەرمىگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.