'دۇنيا تۈرك مۇنبىرى' يىغىنى ئىستانبۇلدا رەسمىي باشلاندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010.10.22
2010.10.22

RFA Photo / Arslan
يىغىنغا دۇنيادىكى 60 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونلاردا ياشايدىغان تۈرك ئىرقىغا تەۋە ۋەكىللەردىن كۆپ ساندا ئالىملار، تەتقىقاتچىلار، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسىسلىرى، دۆلەت مىنىستىرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشتى.
بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان، باش نازىر ئابلىكىمخان مەخسۇم قاتارلىق مەسئۇللار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
يىغىندا تۈرك ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى سۇلايمان شەنسوي، قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى باغداد ئەمرەيىف، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسىنىڭ باش كاتىپى پروفېسسور مۇستافا ئىسەن قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى، تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى شەنول بال خانىم مۇنداق دېدى:
"بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيانىڭ تۆت ئەتراپىدا تەشكىلى ئاپپارات قۇرالمىغان، ئاز سانلىق ھېسابلانغان كۆپ ساندا تۈرك نوپۇسى بار، بۇ نوپۇسلارنى قېرىنداش خەلقلەر بىرلىكى جەھەتتە قارايدىغان بولساق، بىر مەدەنىيەتلەر قوشۇنىنى يارىتىدۇ. ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ۋەتەنداشلىرىمىز ۋە ئاز سانلىق ۋەزىيەتتە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز قۇرغان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئارقىلىق ئۆزېمىننى تونۇشتۇرالىساق، مەدەنىيىتىمىزنى تەشۋىق قىلالىساق، ھەقسىزلىق قىلىنىۋاتقان جىنايەتلەرنى دۇنيا جامائىتىگە تەسىرلىك بىر شەكىلدە ئاڭلىتالايدىغان بىر ئىمكانىيەت يارىتالىساق، شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قەتلىئاملارغا بۇنچىۋالا سۈكۈت قىلىنمايدۇ، قاراباغ مەسىلىسى ھەل بولماي قالمايدۇ. تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى دۇنياۋى كۈچكە ئايلىنىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان تەسىرلىك بىر كۈچكە ئايلىنىش مەجبۇرىيىتى بار. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ماددىي ئىمكانسىزلىقلارغا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە ئىقتىسادىي فوندلار قۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ فوندلارغا دۆلەت ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە شېركەتلەر تۆھپە قوشالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن تۈرك جۇغراپىيسىدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئېتىقادلىرىغا ئەقىدە قىلىپ پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلالايدۇ."
يىغىننىڭ كېيىنكى بۆلۈمىدە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈرك ئىرقىغا تەۋە مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن دوكتور، پروفېسسورلار، تەتقىقاتچى ئالىملار ۋە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسىسلىرى تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار مۇھىم تېمىدا سۆز قىلدى.
تۈرك - ئاسىيا ئىستراتېگىيە ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئالماگۈلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىنغا ئۈرۈمچىدىن بىر ئۇيغۇر پروفېسسۇر ۋە بىر قىرغىز دوكتور تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىغا روخسەت قىلمىغان.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە، يىغىندا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىلەرنىڭ پىكىر - قاراشلىرىنى ئالدۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.