دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلدى

د ئۇ ق نىڭ قوللىشى، د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى ۋە ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ھەم گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ يېقىندىن ھەمكارلىشىشى ئاساسىدا، دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خەلقئارالىق دوستلۇق، ھەمكارلىق، قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى 2010 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2010.10.25
Duq-yashlar-uchrushishi-Girmaniye-NED-Luisa-xanim-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22 - ﻛﯜﻧﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻦ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﯩﺪﺍ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﻓﻮﻧﺪﯨﺪﯨﻦ ﻟﯘﺋﯩﺴﺎ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﯞﻩ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪﻩ.
RFA Photo / Ekrem

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئامېرىكا خەلقئارا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىدىن لۇئىسا خانىم، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە د ئۇ ق نىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەمەت توختى قاتارلىقلار قاتناشقاندىن سىرت، گېرمانىيىدىكى كۆپلىگەن جامائەت ساھىپخان سۈپىتىدە قاتناشتى.
 
بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر ئەپەندى پائالىيەت مەيدانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا 9 دۆلەتتىن 40 قا يېقىن ياشلار ۋەكىلىنىڭ كېلىپ قاتناشقانلىقىنى، بۇ يىغىننىڭ دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىش يولىدا باسقان بىر ئىجابىي قەدەم بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
Duq-yashlar-uchrushishi-Girmaniye-NED-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22 - ﻛﯜﻧﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻦ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Ekrem
 
پائالىيەت زالىغا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايراقلىرى ئېسىلغان بولۇپ، يىغىن ئۈچۈن كەلگەن ياشلارنىڭ كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ، سورۇن تولىمۇ قايناق ئىدى. نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ياشلار ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇچرىشىشتىن تولىمۇ مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
 
د ئۇ ق نىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى، ياشلارنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىدىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كېلەچىكى نۇقتىسىدىن كۆپ ئۈمىدلەنگەنلىكىنى تەكىتلىدى. گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى رەئىسى گۇلنار خانىممۇ بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا يۇقىرى باھا بەردى.
 
بۇ ئۇچرىشىشتا كونكرېتنى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان ھەم بەزى قارارلار ئېلىنغاندىن باشقا، يىغىندىن سىرتقى چاغلاردا مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ياشلار ساپ ئۇيغۇرچە ناخشا - ئۇسۇللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى نامايەن قىلىشقا ئەھمىيەت بەردى.


يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.