ئولىمپىك نىزامىغا قارشى تۇرغان بېيجىڭ ئولىمپىكى
بۈگۈن كۆزۈتۈش جۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئولىمپىك نىزامىغا قارشى تۇرغان بېيجىڭ ئولىمپىكى' دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ساليوت - چىراق ھەشەمەتلىرى، يالغان ناخشا چولپىنى، يالغان 56 مىللەت، يالغان پىئانىنوچى، يېشى يالغان تەنھەرىكەتچى دېگەندەك بىر يۈرۈش يالغانچىلىقنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى توسۇپ قالالمىدى. بۇ سەتچىلىكتىن يامىنى، بۇ قېتىمقى خىتاي ئولىمپىكىنىڭ دۇنيا ئولىمپىك نىزامىغا قارشى بولغانلىقىدىن ئىبارەت.
بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، گەرچە ئولىمپىك نىزامىدا تەنھەرىكەتلەر چوقۇم ئەركىن، مۇستەقىل تەنھەرىكەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەشكىللىنىشى ۋە باشقۇرۇلۇشى كېرەك، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ مۇداخالىيىسىگە، سىياسىي، قانۇن، دىنىي ياكى ئىقتىسادىي بېسىملىرىغا يول قويۇلمايدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئەمما بۇ قېتىمقى خىتاي ئولىمپىكى پۈتۈنلەي بۇ نىزامغا خىلاپلىق قىلدى. ئالدى بىلەن، ھازىرقى 'جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتى' دەپ ئاتالغان ئورگاننىڭ ئۆزىلا 50 يىلدىن بۇيان دۇنيا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن دۈشمەنلىشىپ كېلىۋاتقان 'جۇڭگو دۆلەت تەنھەرىكەت باش ئىدارىسى' دەپ ئاتىلىدىغان كوممۇنىست پارتىيىنىڭ پارتكومى بار ئورگاننىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدىغان، يەنىلا ئەسلىدىكى تۈزۈلمە ۋە ئادەملىرىنى ساقلاپ قېلىپ، پەقەت نامىنى ئاممىۋى تەشكىلات دەپ ئۆزگەرتىۋالغان ئورگان. بۇنى قانداق چۈشەندۈرۈشى كېرەك؟
خۇجىنتاۋ دۇنياغا خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمەكتە
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىنلا، خۇجىنتاۋ جەنۇبىي كورىيە، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستانلارغا قىلىدىغان زىيارىتىنى باشلىدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئارقىلىق ھەققىدە خىتاينىڭ ئۆزىدىمۇ، دۇنيادىمۇ يېڭى چۈشەنچە پەيدا بولدى. خۇجىنتاۋ خىتاينىڭ دۇنيادىكى يېڭى ئورنىنى قايتىدىن بەلگىلەپ چىقتى ۋە بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق دۇنياغا خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمەكچى بولدى.
بۈگۈن خۇجىنتاۋ جەنۇبىي كورىيىگە كەلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىم خۇجىنتاۋ جەنۇبىي كورىيە بىلەن ئېنېرگىيە تېجەش، پەن - تېخنىكا، سودا، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە دۇنيا كۆرگەزمىسى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە يېڭى كېلىشىم ئىمزالايدىكەن.
خۇجىنتاۋ ئوتتۇرا ئاسىيادا يەنە "ئۈچ خىل كۈچ" لەرگە زەربە بېرىش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خۇجىنتاۋ جەنۇبىي كورىيە زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇرغاندىن كېيىنلا، تاجىكىستان، تۈركمەنىستانلارغا بارىدۇ. بۇ ھەقتە، خۇددى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بايان قىلغىنىدەك، خۇجىنتاۋ تاجىكىستان، تۈركمەنىستانلارنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا باشقا دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن 'شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سەپداشلىق نىزامى' نى تۈزۈشنى ۋە ئۈچ خىل كۈچ' لەرگە زەربە بېرىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش تەدبىرلىرى ھەققىدە ھۆججەت ئىمزالاشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇنداقلا يەنە تاجىكىستان بىلەن ۋە تۈركمەنىستان بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ساھەدە ھەمكارلىشىش ھەققىدە ھۆججەت ئىمزالىماقچى.
خىتاي مۇشتىنى شەرىققە ئاتامدۇ ياكى غەرىبكىمۇ؟
بۈگۈن 'بوشۈن تور بېتى' دە ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا، رۇسىيە گرۇزىيىدە ۋەقە تۇغدۇردى. بۇ پۇرسەتتە، ئامېرىكا چېخ ۋە پولشا بىلەنمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن رۇسىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك بوشلۇقى تارىيىپ، ياۋروپانىڭ دائىرىسى كېڭەيدى.
خىتايدا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە باشچىلىقىدىكى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنىڭ تېخى ئاخىرقى نەتىجىسى كۆرۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، شىنجاڭدا خىتاي ساقچىلىرىدىن 16 نى ئۆلتۈرۈپ، 16 يارىلاندۇرغان جىددىي ۋەقەلەر يۈز بەردى. خىتاينىڭ يېقىن قوشنىسى پاكىستاندىمۇ مۇقىمسىز ۋەزىيەت پەيدا بولدى. پۈتۈن كۈچىنى ئولىمپىكنى تىنچ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا مەركەزلەشتۈرگەن خىتاي، بۇ چاغدا يەنە شەرقى ۋە جەنۇبى دېڭىزدىكى ئاراللار مەسىلىسى، نېفىت قېزىش مەسىلىسىدىكى رىقابەتلەرگىمۇ دۇچ كېلىپ، دىققىتىنى قايسى تەرەپكە قارىتىشنى بىلەلمەي دىلىغۇل بولۇپ تۇردى.
خۇجىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىن قارىغاندا، ئەمدى خىتاي ئولىمپىكتىن كېيىن، ئامېرىكا - ياپونىيە ھەمكارلىقىنى چەكلەش ئۈچۈن جەنۇبىي كورىيە بىلەن ھەمكارلاشماقچى ۋە ئامېرىكا، ئەنگىلىيىلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا كېڭىيىشىنى توسۇش ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى كېڭەيتمەكچى بولۇۋاتسا كېرەك. ئەھۋالدىن قارىغاندا، خىتاي ھازىر رۇسىيە - گرۇزىيە مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، 'ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش' دېگەن نام بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىشكە يۈزلىنىشى مۇمكىن.