'دۇنيا ياشلىرى كۈنى' دە ئۇيغۇر ياشلىرىغا بىر نەزەر

دۇنيادا مەيدانغا كېلىۋاتقان نوپۇس ئارتىشى، ئۆزگىرىۋاتقان كېلىمات، مۇھىت بۇلغىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەر كىشىلەردە ئىختىيارسىز ھالدا كەلگۈسى ئەۋلادلارغا قانداق بىر دۇنيانى ئامانەت قالدۇرۇۋاتىمىز دەيدىغان سوئالنى پەيدا قىلماقتا.

0:00 / 0:00

شۇڭا كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى بولغان ياشلار يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش ئۈچۈن ھەر يىلى 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا ياشلار كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.

بۇ كۈن، 1999 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن ماقۇللىنىپ 2000 - يىلىدىن باشلاپ رەسمىي يوسۇندا پۈتۈن دۇنيادا تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە. 12 - ئاۋغۇستتا ياشلارنىڭ مەسىلىلىرى كۈن تەرتىپكە كېلىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ كۈندە كىشىلەرنى ياشلارغا ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدۇ.

دۇنيا مىقياسىدا تەبرىكلىنىدىغان 12 - ئاۋغۇست ياشلار كۈنىدە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ياشلار ناخشا كېچىلىكلىرى، مۇنازىرە مەيدانلىرى، ھەر خىل يوسۇندىكى مەدەنىي پائالىيەتلەر ۋە نامايىشلار ئارقىلىق بۇ كۈننى خاتىرىلەيدۇ ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. ئۇ كۈنكى پائالىيەتلەرگە شۇ دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە يەرلىك رەھبەرلەرمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ئىشتىراك قىلىدۇ.

بىزمۇ دۇنيا ياشلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ياشلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر ياشلىرى يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەرگە نەزەر سېلىشنى مۇۋاپىق تاپتۇق.

دۇنيا ياشلىرى ئومۇميۈزلۈك ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇزۇن يىلدىن بېرى ئوقۇ - ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.