ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيىنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى فارۇق ئۆزاق ئەپەندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم تۈركىيە دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ئىشتىراك قىلدى.
فارۇق ئۆزاق ئەپەندى ئۆز سۆزىدە 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنىنىڭ تۈركىيىنىڭ ياشلار بايرىمى كۈنى ئىكەنلىكى، بۇ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن 3 - نۆۋەتلىك دۇنيا ياشلىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى ئۇچرىشىش پائالىيىتى چاقىرىلغانلىقى، مەزكۇر پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەتنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى بىر بىرىگە تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مەزكۇر پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل باشچىلىقىدىكى 5 كىشىلىك ھەيئەت قاتناشماقتا.
بۇ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئەنقەرە ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالدىغا باشقا دۆلەتلەرنىڭ بايرىقى قاتارىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمۇ ئېسىلغان بولۇپ، كۆرگەزمە زالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى قويۇلغان.
باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇيغۇرلار 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە شېھىت بولغانلارغا ماتەم بىلدۈرۈش ئۈچۈن سەنئەت نومۇرى كۆرسەتمىدى.
بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى ۋە باشقىلار مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە توختالدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.