'زومىگەر دۆلەتلەردىن قوغداپ قالىدىغان بىردىنبىر كۈچ -- ئامېرىكا'

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان "خىتاي يېقىن كەلگۈسىدە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ" دېگەن پىكىر ئېقىمى ئاندا - ساندا كۆرۈنۈشكە باشلىغان ئىدى. ھالبۇكى، مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ تېخى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

0:00 / 0:00

دۆلەت خەۋپسىزلىك تەتقىقاتچىسى ماكس بۇت ئەپەندى بۇ ھەقتىكى پىكىرلەرنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ، يېقىندا يازغان "ئامېرىكا چۆكۈۋاتامدۇ؟ ياق. بۇ، بۈگۈنكى دۇنيادا تېخى مۇمكىن ئەمەس" دېگەن ماقالىسىدە نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ يەنىلا دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەممۇ يۇقىرىقى پىكىرنى قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

"ئامېرىكا چۆكۈۋاتامدۇ؟ ياق. بۇ، بۈگۈنكى دۇنيادا تېخى مۇمكىن ئەمەس" ناملىق ماقالە 31 - ماي "لوس ئانجىلىس ۋاقتى گېزىتى" دە باش ماقالە سۈپىتىدە بېرىلدى.

ماقالە ئاپتورى ماكس بۇت ئەپەندى نيۇيوركتىكى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىدە ئىشلەيدىغان ئالىي تەتقىقاتچى. ئۇ، ئاساسلىقى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئائىت تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ يەنە، "ۋاشىنگتون پوچتىسى"، "لوس ئانجىلىس ۋاقتى" ۋە "نيۇ -يورك ۋاقتى" قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ سەھىپە يازغۇچىسى.

ئۇ، بۇ ماقالىسىدە ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ باشقىلار كۆرسەتكەندەك چېكىنىۋاتقان دۆلەت ئەمەسلىكىنى كېسىپ ئېيتقان ۋە دۇنيانىڭ ئامېرىكىغا تەۋە ئىككى مۇھىم جۇغراپىيىلىك قوماندانلىق شتابى - مەركىزىي قوماندانلىق شتابى ۋە تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شىتابىدىن ئىبارەت ئىككى شتاب بويىچە بۆلۈنگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇ مۇنداق يازغان: " بۇ يەردە فرانسىيە، ھىندىستان ياكى برازىلىيىنىڭ بۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان بازىسى يوق. ھەتتا خىتاينىڭمۇ ھەم شۇنداق. پۈتۈن دۇنيا خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆپ مۇنازىرىسىزلا ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازا تورى گېرمانىيىدىن، ياپونىيىگىچە بولغان دۆلەتلەردىكى 700 جايغا تارالغان."

بۇ ھەقتە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، تۈركىيە ھاجى تۆپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەممۇ ئوخشاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، "خىتاي پەقەت ئىقتىسادىي ئىگىلىكىدىكى تەرەققىياتى بىلەنلا ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى باسىدۇ" دېيىش توغرا ئەمەس ئىكەن.

"لوس ئانجىلىس ۋاقتى گېزىتى" دە بېسىلغان "ئامېرىكا چۆكۈۋاتامدۇ؟ ياق. بۇ، بۈگۈنكى دۇنيادا تېخى مۇمكىن ئەمەس" ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، گەرچە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدە ئامېرىكىغا قارشى پىكىر ئېقىمى مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەرەب دېڭىزى قولتۇقىدىكى كۆپىنچە ئەرەب ئەللىرى ئۆز دۆلەتلىرى ئىچىدە ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا ئورۇن بەرگەن.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: "بۇ دۆلەتلەر يۈكسىلىۋاتقان ئىراننىڭ تەھدىتىدىن قورقىدۇ ۋە پەقەت ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭلا ئۆزلىرىنى قوغدىيالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇلار خىتاي بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن خوش بولىسىمۇ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۆزلىرىنى ئىراننىڭ تەھدىتىدىن قوغداپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ھېچقانداق بىر سۇلتان ياكى شەيخنىڭ خىيالىدىن كەچكەن ئەمەس."

ئەركىن ئەكرەممۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىكى چوڭ بازار سەۋەبىدىنلا خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى، ئەمما دۆلەت بىخەتەرلىكى جەھەتتە خىتايغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ شەرقتىكى قوشنىلىرىمۇ ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە ئوخشاش خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئۇلار خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندا زومىگەر دۆلەتكە ئايلىنىشىدىن ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىدىكەن. ھەتتا ئامېرىكا بىلەن سوقۇش قىلغان ۋيېتناممۇ "بېيجىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ۋاشىنگتون بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا قىزغىن" ئىكەن.

ماقالىدە كۆرسىتىشىچە يەنە، خىتاي جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ئىكەن. شۇنداقتىمۇ جەنۇبىي كورىيە پەقەت ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىلا يادرو قورالى بار شىمالىي كورىيىنى توسۇپ قالالايدۇ، دەپ تونۇيدىكەن. ئاپتور مۇنداق يازىدۇ: "شۇڭلاشقا دۇنيادا ئەڭ زور ھەربىي قوشۇنغا ئىگە بولغان جەنۇبىي كورىيە يەنە 28 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ كورىيە زېمىنىدا تۇرۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. ھەتتا ئۇلار ئۇرۇش مەزگىلىدە پۈتۈن ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقىنى ئامېرىكا گېنېراللىرىغا تاپشۇرىدۇ."

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، "كۇۋەيتلىك، كوسوۋالىق ۋە ساناقسىز باشقىلار نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئامېرىكىنىڭ قۇدرىتىنىڭ، ئەركىنلىك ۋە گۈللىنىشنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل كاپالەتچىسى، دېگەن تونۇشقا كەلدى" دەپ كۆرسەتكەن.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلە، دۆلەت قەرزىنىڭ ئېغىر بولۇشى، ھەربىي سېلىنمىنىڭ كېمىيىشى سەۋەبلىك بەزى ئەنسىرەشلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ يەنىلا " ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە" ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز رايونىدىكى زومىگەر دۆلەتلەردىن ئۆزلىرىنى قوغداپ قالىدىغان بىردىنبىر كۈچ - ئامېرىكا دەپ ئىشىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئەركىن ئەكرەمنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمۇ يۇقىرىقى ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن پىكىرلەرگە ئاساسەن ئوخشاش.

ماقالە مۇنداق ئاياغلاشقان: "ئۇلار بىزدىن نەپرەتلىنىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار ئۆز قوشنىلىرىدىن قورقىدۇ. مانا بۇ، بىزنىڭ دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى قۇدرەتلىك دۆلەتلىك ئورنىمىزنى نېگىزلىك قوللاش ئاساسى بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ."

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە ئەتراپىدىكى قوشنىلىرى قاتارلىق ئامىللار خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشىقى كۈچ بولۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدۇ دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.