شۇنىڭدىن كېيىن، رۇسىيە خەلقئارانىڭ بېسىمىغا دۇچ كېلىپ، ھەربىي قىسىملىرىنى گرۇزىيە تەۋەسىدىن چېكىندۈرۈپ كېتىشكە قوشۇلدى. ئەمما، گرۇزىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە ھېلىمۇ گرۇزىيە تەۋەسىدىكى بەزى جايلارنى بېسىپ ياتماقتا. بۇ مەسىلە ھازىر رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ ۋە ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزدى.
يەتتە چوڭ سانائەت دۆلىتى ھازىر رۇسىيىنى ئەيىبلەۋاتىدۇ
رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ ۋە ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت جىددىيلەشكەن بۇنداق ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، كانادا ۋە ياپونىيىدىن ئىبارەت يەتتە چوڭ سانائەت دۆلىتى ھازىر رۇسىيىنى ئەيىبلەۋاتىدۇ. بۇ دۆلەتلەر رۇسىيىنىڭ گرۇزىيە تېررىتورىيىسىدىكى جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ قارارىغا خىلاپ؛ شۇنداقلا گرۇزىيىنىڭ تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىق؛ گرۇزىيە تېررىتورىيىسى دائىرىسىدىكى مەسىلە گرۇزىيە تېررىتورىيىسى دائىرىسىدە ھەل قىلىنىشى كېرەك، دەپ قارىماقتا.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ قارارىغا خىلاپ ھالدا، گرۇزىيىدىن پارچىلىنىپ چىقماقچى بولغان جەنۇبىي ئوسسېتىيە بىلەن ئابخازىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھازىر ياۋروپا بىرلىكى رۇسىيىنى جازالاشنى ئويلاۋاتىدۇ.
مېدۋېدېۋ ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى رۇسىيىنىڭ رولىنى قوللاشقا چاقىردى
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ بۈگۈن، پەيشەنبە كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ ئالىي ئۇچرىشىشىدا، ئۆزىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى رۇسىيىنىڭ گرۇزىيە كرىزىسىدا ئويناۋاتقان رولىنى قوللاشقا چاقىردى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستانلار قاتناشقان 'شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى' دېگەن بۇ تەشكىلات شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ (ناتو) ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىگە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە 2001 - يىلى قۇرۇلغان ئىدى. ئەمما بۇ تەشكىلاتقا ئەزا باشقا دۆلەتلەر ھازىر رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي ئوسسېتىيە بىلەن ئابخازىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىق مەسىلىسىگە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى. گەرچە خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقى بۈگۈن خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ 'ھازىر جۇڭگو بىلەن رۇسىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق - سەپداشلىق مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى تەرەققى قىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ' دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋ بۇ يىغىندا پەقەت 'بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى 'نىلا جاكارلىدى. باشقا دۆلەتلەر بولسا، ئىختىلاپلارنى دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بۈگۈن رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋنى رۇسىيىنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى. رۇسىيە - بىلەن گرۇزىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە ھازىر مۇقىمسىز تۇرغان بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرمەكتە.
خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ
بۈگۈن 'يېڭى ئەسىر جۇرنىلى' دا گرۇزىيە تېررىتورىيىسىدە ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان جەنۇبىي ئوسسېتىيە بىلەن ئابخازىيىنى رۇسىيىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت دەپ جاكارلىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن ئوبزورلار ئېلان قىلىندى. فاڭ جۆ ئەپەندى مۇلاھىزىسىنى سوغۇق ئۇرۇش دەۋرى دېگەن تېمىدىن باشلىغان.
فاڭ جۆ ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، 1945 - يىلىدىن 1991 - يىلىغىچە داۋام قىلغان سوغۇق ئۇرۇش دەۋرى دۇنيادا 17 - ئەسىردىن بۇيان چوڭ دۆلەتلەر ئارا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ سوغۇقچىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە، دۇنيانىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا بولغان ئىدى. بۇ ئۆزگىرىشكە 60 - يىللاردا خىتاي - سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەپ بولغان. بۇ دەۋردە، خىتاي - سوۋېت مۇناسىۋىتى بۇزۇلغاندىن كېيىن، كوممۇنىزم لاگېرى ئاجىزلىغان. خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قارشىلىشىشى نەتىجىسىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاينى چۆچۈتۈپ قويۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ھەربىي كۈچىنى شەرققە يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربكە قاراتقان ھەربىي كۈچى ئاجىزلىغان. ماۋزېدوڭ بۇ ۋاقىتتا يەنە بىر چوڭ دۆلەت بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا پايدىسىز بولغان ئۆزگىرىش پەيدا بولغان.
فاڭ جۆ ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، ھازىرقى يېڭى ئۆزگىرىش سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىكىگە ئوخشىمايدۇ. ھازىر دۇنياغا بىر چوڭ دۆلەت سۈپىتىدە باش كۆتۈرۈپ چىققان خىتاي بىلەن ئۆزىنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتقان رۇسىيىنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا بولدى. ھازىر ياۋروپادا ھېچقانداق بىر دۆلەت رۇسىيە بىلەن ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئاسىيادىمۇ ھېچقانداق بىر دۆلەت خىتاي بىلەن ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھازىر بۇرۇنقى كوممۇنىزم لاگېرى دائىرىسىدە ئۆز - ئارا ئېلىشىشى ياكى ھەمكارلىشىشى نۆۋەتتە خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدىكى بىر مۇھىم رېئاللىق.