خەيرۇللا ئەفەندىگىل : دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2012 - يىلى تۈركىيىدە 30 قېتىم پائالىيەت ئۇيۇشتۇردى

د ئۇ ق مۇھاجىرلار كومىتېتى رەئىسى رەئىسى خەيرۇللا ئەفەدىگىل ئەپەندى تۈركىيىنىڭ قىرىققالە ئۇنىۋېرسىتېتىدا بەرگەن دوكلاتىدا، تۈركىيە 2012 - يىلىنى خىتاي مەدەنىيەت يىلى دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۈركىيىدىكى پائالىيەتنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغانلىقى، بۇنىڭغا ئاساسەن بىر يىل ئىچىدە تەخمىنەن 30 قېتىم دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكى، بۇنىڭ كۆپىنى تۈركىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

ئۇ سۆزىدە بۇ پائالىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىنى بۈگۈن قىرىققالە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزگەنلىكىدىن ئۆزىنى بەختىيار ھېس قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.


25 - دېكابىر كۈنى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان ئەنقەرە ۋىلايىتىگە قاراشلىق قىرىققالە شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن ئالدى بىلەن تۈركىيىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىدا شېھىت بولغان كىشىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى يولىدا جېنىنى پىدا قىلغان كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ «ئىستىقلال» مارشى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئارقىدىن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان قىرىققالە ئىقتىساد فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بايبارسلان ئالى قازانچى ئېچىلىش نۇتىقى سۆز قىلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈردى.

ئارقىدىن 4 ياشتىكى مۇجاھىت قەشقىرى ئۇيغۇر شائىرە نۇرەلا گۆكتۈرك يازغان «بىز كىملەر بىز؟» دېگەن شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ پۈتۈن يىغىن ئەھلىنى ھاياجانلاندۇردى. ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرلار كومىتېتى مۇدىرى خەيرۇللا ئەپەندىگىل ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەردى.

يىغىندىن بىر كۆرۈنۈش


مەلۇم بولۇشىچە، 2012 - يىلى «خىتاي مەدەنىيەت يىلى» دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بىر يىل ئىچىدە خىتاي دۆلىتى تۈركىيىدە چوڭ كىچىك بولۇپ 400 ئەتراپىدا پائالىيەت ئۆتكۈزگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇنىڭغا قارشى 30 ئەتراپىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان. باشقا تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىمۇ قوشقاندا ئۇيغۇرلار 2012 - يىلى ئىچىدە تۈركىيىدە 50 ئەتراپىدا پائالىيەت قىلغان.

بىز يىغىن ئاخىرىدا يىغىندا دوكلات بەرگەن خەيرۇللا ئەپەندىگە مىكروپونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

قىرىققالە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يىغىنغا قاتناشقان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارقا - ئارقىدىن خەيرۇللا ئەپەندىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوئاللار سورىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتلىرى جەريانىدا تۈركىيە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستان غا بولغان چۈشەنچىلەرنى ئاشۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.