د ئۇ ق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى تەسىراتلىرى (2)

26 - ماي كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى بىر ھەپتىلىك پائالىيەتلىرى غەلىبىلىك تامام بولدى . ۋاشىنگىتونغا 21 دۆلەتتىن يىغىلغان 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىر ھەپتە جەريانىدا ، ۋاشىنگىتوندا نۇرغۇن پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىپ تولىمۇ مەمنۇن بولغان ھەم ھاياجانلانغان ھالدا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرگە ئۇزىدى.

0:00 / 0:00

ئۆتكەنكى قېتىملىق ئاڭلىتىشىمىزدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ نۆۋەت ۋاشىنگىتوندا چاقىرىلغان 3 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان بىر قىسىم ۋەكىللەرنىڭ بىر ھەپتىلىك پائالىيەتلەردىن ئالغان تەسىراتلىرى ھەققىدە پروگرامما ئاڭلاتقان ئىدۇق، تۆۋەندە مەزكۇر پروگراممىنىڭ داۋامىغا دىققەت بەرگەيسىلەر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ۋاشىنگىتوندا داۋام ئەتكەن بىر ھەپتىلىك پائالىيەتلىرىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان قۇرۇلتاي پەخرى رەئىسى، قازاقىستان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىدىن رىزا سەمىدى ئەپەندى، قازاقىستانغا قايتىش سەپىرى ئالدىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋاشىنگىتوندا بۇ قېتىم ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىلىش ھەم ۋەقەلەرگە شاھىد بولغانلىقىدىن بەكمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىرنى ھىمايە قىلىشنى مىللىي بۇرچ دەپ تونۇشىنى تەۋسىيە قىلدى.

كانادادىن كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋەكىللىرىدىن يازغۇچى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى بۇ قېتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سايلىمىدا، ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق قوللىشى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىباتىدا ۋەزىپىگە قويۇلغان ئىدى، سايلامدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇيغۇن ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سايلىمىدىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ دېموكراتىيە ئېڭىدىكى يۈكسىلىشنى كۆرگەنلىكىنى، بۇ ئۆزىدە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى :

بۇ قېتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك ئورگىنىدا مەلۇم نىسبەتتە ياشلىشىش ھەم يېڭىلىنىش كۆرۈلدى، بۇ قېتىم قۇرۇلتاي تەركىبىدىكى بىر قىسىم كومىتىتلاردا چەتئەلگە چىققىنىغا ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرىگە ئىزچىل قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ئاكتىپ ياشلارنىڭمۇ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى سېپىگە رەسمىي قېتىلىپ ئىقتىدارىنى تەشكىللىك پائالىيەتلەردە يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشىغا پۇرسەتلەر يارىتىپ بېرىلدى، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولغان زىيالىي ئېلشات ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان شۇنداق يېڭى ئەزالارنىڭ بىرىدۇر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئارىسىدا ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەربابلار، مۇتەخەسسىس، شائىرلارمۇ بار، قازاقىستاندىن كەلگەن ۋەكىللەر ئىچىدىكى مالىك سادىروف ئەپەندى ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ بىرى، زىيارىتىمىز داۋامىدا بۇ شائىر ئۆزىنىڭ مەزكۇر قۇرۇلتايغا شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىمغا ئاتاپ يازغان شىېرىنى ئوقۇپ بەردى.

ھىجرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ مەركىزى ئورگىنى شۇنداقلا تەشكىلى ئاپپاراتى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 18 ‏ - مايدىن 26 - مايغىچە داۋام قىلغان پائالىيەتلىرى نەتىجىلىك ئاياغلاشتى. 21 دۆلەتتىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بىرلىكتە پايتەخت ۋاشىنگىتوندا دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئىنسانىي ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، خىتاينىڭ سىياسىي ھەم مەدەنىي، ئېرقىي جەھەتتە ۋەتىنى ھەم خەلقىگە سالغان زۇلۇملارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتىنى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، دېموكراتىك ئۇسۇلدا تىنچلىق يولىدا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولۇپ كەلگەن بارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، ھەر ساھە ئەربابلىرى، زىيالىيلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ بۈيۈك يىغىلىشىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىكىنىڭ تاپشۇرغان ۋەزىپىلىرى، كۆرسەتمىلىرىنى ئېلىپ ھاياجان ھەم ئۈمىدلەر بىلەن قايتتى.