د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى ئۆزلىرىنىڭ " تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى " بىلەن ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكىنى شەرھىلىدى

" تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى" يېقىندا Youtube تورىدا، خىتاينىڭ يۈننەن، شاڭخەي قاتارلىق جايلىرىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى توغرىسىدىكى سىن ئالغۇ لېنتىسىنى تارقىتىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى جەريانىدا يەنە بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى قوزغاشتا يېتەرلىك كۈچكە ئىگە ئەمەس ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ پەقەت بىر قۇرۇق تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، " شەرقىي تۈركىستان " تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق باستۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

0:00 / 0:00

بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى ۋە ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مەركىزى گېرمانىيىدىكى د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنى زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئىگىلىدى. بۇ ئارىدا رادىئومىزمۇ دىلشات ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋەقە توغرىسىدىكى باياناتىدىن خەۋەردار بولدۇق.

بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىككى ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت قالغاندا، جۇڭگو چەتئەللىك تەنتەربىيە ماھىرلىرىنى كۈتۈۋېلىش، بېيجىڭنىڭ قاتناش تەرتىپىنى رەتلەش شۇنىڭدەك بېيجىڭنىڭ ھاۋا كېلىماتىنىڭ ساپ بولۇشىغا كاپالەت بېرىش ئىشلىرىنى جىددىي ئېلىپ بېرىشتىن سىرت، ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارالغان، قانداق قىلىپ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش، بولۇپمۇ 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىگە ئوخشاش تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىلىرى ئۈستىدە جىددىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خەلقئاراغا بۇ يىل 5 ‏ - ئايدىن باشلاپ خىتاينىڭ شاڭخەي، كۈنمىڭ، ۋېنجۇ قاتارلىق يەرلىرىدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلىتىش ھادىسىلىرىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق ئۆتكەن جۈمە كۈندىن بۇيان " تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەشكىلات، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پارتلاش ۋەقەلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقى، ئولىمپىككە قارشى تېررورلۇق ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقى ھەققىدىكى سىن ئالغۇ لېنتىسىغا چۈشۈرۈلگەن ھۆججەتلىك فىلىمنى تارقاتتى.

شىۋىتسىيىدە تۇرۇشلۇق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى ": دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرىدۇ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى تىنچلىق يولى بىلەن ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتىگە يېتىشنى ئەڭ ئاساسلىق پرىنسىپى دەپ بېكىتكەن. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇزۇندىن بۇيان پاكىت ئىزدەپ يۈرگەن، دېمەك خىتاي بۇ ئارقىلىق خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشىغا بولغان ھېسداشلىقىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا، شۇڭا ئۇلار مەزكۈر پاكىتنى ئويدۇرۇپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن " دېدى.

دىلشات رېشىت ئەپەندى سۆزىدە يەنە، " ھەقىقەتەن بىز ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردۇق، بىراق بىز خەلقئارا قانۇنلارغا بويسۇنغان ئاساستا خىتايغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، بۇ قېتىم Yuotube تورىدا بايانات ئېلان قىلغان " تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى" نىڭ ئەسكىرى قوماندانى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، بىز بۇ سىن ئالغۇ لېنتىسىنى باشقىلارغا ئوخشاشلا Yuotube نىڭ تور بېتىدىن كۆردۇق، " دېدى.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەققىدە تەبىر بېرىلگەن بولۇپ، مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ جۇڭگونىڭ چېگرىسى ئىچىدە ۋە چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ " ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش" ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالىي دەرىجىلىك بىر ئورگىنى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. دىلشات رېشىت خەلقئارانىڭ " تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى " فىلىمىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ياخشى تەكشۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭ بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رېشىت سۆزىدە " : يەرلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى 11 ‏ - سېنتەبىردىن كېيىن، بىر قىسىم ۋەقەلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى دەپ ئەيىبلىدى ۋە باستۇردى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يەرلىك ئەمەلدارلار تېررورلۇققا زەربە بېرىش دەپ جار سېلىشنى، ئۆزىنىڭ ئەمىلىنى يەنىمۇ يۇقىرى ئۆستۈرۈشنىڭ دەسمايىسى قىلىۋالدى. شۇڭا بىز بۇ قېتىمقى ۋەقەنى بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئويۇنى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمىز، " دېدى.

" تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى" نىڭ باياناتى ئېلان قىلىنغان فىلىم تارقىتىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئورگىنىنىڭ بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى لى ۋېي مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، " تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى، خەلقئارادا غۇل ‏ - غۇلا قوزغاش ئارقىلىق ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلىش ۋە رادىكال كۈچلەردىن ئۆزلىرىگە ئىقتىساد توپلاشنى مەقسەت قىلىدۇ " دېدى.

دىلشات رېشىت ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ " : دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردە شۆبە تەشكىلاتلىرى بار، مەسىلەن، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بۈگۈنگە قەدەر ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش پائالىيىتى توختىغىنى يوق، مەقسىتىمىز خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا ساھىبخان بولۇشتىن ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشىنى خاتىرىلىتىش. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىگەن، قانۇنى شەرتلەر ئۇيغۇن بولمىغان شارائىتتا، ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالاش قىلمىشلىرى توختىمىغان ئەھۋاللار ئاستىدا، مەيلى ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلسۇن ياكى ئۆتكۈزۈلمىسۇن، بىزنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىمىز ئاداققىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، بىزنىڭ ئاخىرقى نىشانىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش."