پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا قويغان ئاپتونومىيە تەشەببۇسى ھەققىدە توختالدى

18 - ماي ۋاشىنگتوندا باشلانغان " خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ 60 يىللىقى" ناملىق يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدە، بىر قىسىم چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن، (مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش ئورنىغا) ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يول ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان، تۈركىيە ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، بۈگۈن مەزكۇر تېمىدا ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان پىكىرلىرىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ ھەقتىكى سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.