ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ گۈمبەزلىك مەركىزى پارلامېنت بىناسىدا باشلانغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 :00 لاردا باشلاندى. مەزكۇر قۇرۇلتاي ھازىرغا قەدەر ئېچىلغان قۇرۇلتايلار ئىچىدىكى 1992 - يىلى ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم قۇرۇلتايلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇلتاينىڭ باشلىنىشىدا ئامېرىكا دۆلەت گېمىنى بىلەن شەرقىي تۈركىستان گېمىنى چېلىندى.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىن توپلانغان ئاز دېگەندە 100 نەپەر ئۇيغۇر ۋەكىلى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىدىغان ئامېرىكىلىقلار بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشتىراكچىلىقىدىكى قۇرۇلتايدا يىغىن زالى ئادەملەر بىلەن تولغان.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قۇرۇلتايدا ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلەپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر تۈرلۈك شىددەت ۋە زوراۋانلىقلارنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ 6 نەپەر ئەزاسى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار قۇرۇلتايدا سۆز قىلدى ۋە قۇرۇلتاينىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. قۇرۇلتايدا 1 - بولۇپ سۆزگە چىققان ئاۋام پالاتا ئەزاسى لىنكېن دىئاز بالارت، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە بۇ داۋادا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
" بۈگۈن ئەتىگەن سىلەرنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دۆلەت مەجلىسىگە ئېلىپ كەلگەن نەرسە پەقەتلا سىلەرنىڭ داۋارىڭلار" دەپ تەكىتلىگەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى لىنكېن دىئاز بالارت، بىر داۋادا ئىزچىللىقنىڭ ۋە چىدامچانلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": ھەر قانداق بىر كۈرەشنىڭ ئەڭ مۇھىم خاراكتېرى ۋە ئامىلى ئۇنىڭدىكى چىدامچانلىقتۇر. ئەڭ قىيىن كۈرەش چىدامچانلىقنى ۋە ئىزچىللىقنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن سىلەرنىڭ بۇ يەردىكى شۇنداقلا بۇ يەردە بولالمىغان كىشىلەرنىڭ پىكىر ۋە ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىش جاسارىتىڭلارغا ئىشىنىمەن. سىلەر ۋەكىللەر، سىلەر پۈتۈن مىللىتىڭلارغا ۋەكىللىك قىلىسىلەر ...."
ئاۋام پالاتا ئەزاسى لىنكېن دىئاز بالارت قۇرۇلتايدىكى سۆزىدە يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ بولسا ئۆز خەلقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەردى. ئۇ، "ئامېرىكا ئاساسى قانۇنىنىڭ1 - ماددىسى ئۇنىڭ ھۆكۈمەت ۋە قانۇن ئورگانلىرىنى تەشكىللەش توغرىسىدىكى 2 - ۋە 3 - ماددىسىغا قارىغاندا بۇرۇن تۈزۈلگەن. 1 ماددىدا بارەۋەرلىكنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەن. 1 - ماددىنى مۇشۇ مەجلىس ماقۇللىغان ئىدى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى بولسا ئامېرىكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق كىشىلىرىدۇر. ئامېرىكا خەلقى سىلەرنىڭ دوستۇڭلار بولغانلىقى ۋە سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارغا ئېرىشكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدۇ،" دېدى.
كرىستوفىر سىمىس، قۇرۇلتايدا سۆز قىلغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى. ئۇ قۇرۇلتايدىكى سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىغا ۋە ئوباما ھۆكۈمىتىگە تۆۋەندىكى چاقىرىقلاردا بولدى. كرىستوفىر سىمىس

مۇنداق دەيدۇ": خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىتاپ قىلىدىغان چاقىرىق ناھايىتى ئېنىق، يەنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئوباما ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر ھۆكۈمەتلىرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسۋىتىدە كىشىلىۇك ھوقۇقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. ئەپسۇسكى مۇشۇ مىنۇتلاردا مەن خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى نەزەردە تۇتقانلىقىغا دائىر بىشارەتلەرنى ئۇچۇراتمىدىم."
كرىسىتوفىر سىمىس، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىبنىڭ بىرىدۇر. ئۇ قۇرۇلتايدىكى سۆزىدە بەزى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي تازىلاش سىياسىتى يۈرگۈزىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى زىيانكەشلىكى كەڭ - كۆلەملىك قولغا ئېلىش، ئۆيمۇ - ئۆي ئاختۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت قىلىشىنى چەكلەش، ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى كونترول قىلىش، ئۇيغۇر مەسچىد، ئۆلۈما ۋە دىندارلىرىنى نازارەت قىلىش، دىنىي پائالىيەت، ئاياللارنىڭ بېشىنى ئۆرىشى، روزا تۇتۇش، ھەج قىلىشنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزى شەھەرلەردە ئۇيغۇرلار كوللىكتىپ تۇتقۇنغا ئۇچۇرىدى، تۇتقۇن قىلىش بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي تازىلاش سىياسىتى يۈرگۈزگەن."
قۇرۇلتايدا سۆزگە چىققان ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى فراك ۋولفتۇر. ئۇ گۈەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە قارشى چىقىۋاتقان جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، قۇرۇلتايدىكى سۆزىدە ئۆزىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە قارشى چىققانلىقىنى ئاقلىدى، لېكىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داۋاسىدا ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ":مەن گۈەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننى ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئۆزەمنىڭ ئادىمىلىك سەمىمىيىتىم بىلەن بۇ قارارغا كەلدىم. ئەگەر مەن بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويمىسام ھەقسىزلىك قىلغان بولۇپ قېلىشىم مۈمكىن. لېكىن بۇ يەردە گۈەنتانامودىكى بىلەن بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى ئېنىق چەك - چىگرا بار. سىلەر، دىموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلار. لېكىن ئۇلار بولسا تېررورلۇق تەربىيەسى كۆرگەنلەر."

ئۇ يەنە، "ئەگەر بۇ مەسىلىدە ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەر بولسا بۇ سىزنىڭ ئامېرىكىدىكى ھوقۇقىڭىز. بۇ ئۇلۇغ دۆلەت، ئوخشاشمىغان پىكىر ۋە كۆز قاراشلار ئاساسىغا قۇرۇلغان. بۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تۈپ پەرقلىرىنىڭ بىرىدۇر. مەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك كۈرىشىنى قوللاپ، ئۇلار بىلەن قەتئى بىرگە تۇرىمەن."
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى بىلل دېلېخانت قۇرۇلتايدىكى سۆزىدە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئاقلاپ، خىتاينى ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىپلىدى.
دېلېخانت، "بۇ كىشىلەر ئافغانىستاندا پاكىستانلىقلار تەرىپىدىن ئامېرىكىلىقلارغا ھەر بىرى 5 مىڭ دوللارغا سېتىپ بېرىلگەن. بۇش ھۆكۈمىتى ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ كىشىلەرنى 'دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس' دەپ ئاقلىشىغا قارارىغا قارىماي ئۇلار يەنىلا گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. بۇ كىشىلەرنىڭ ئۈزلىكسىز گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ئۇلارنىڭ ھەرگىز ئامېرىكىغا تەھدىت سالىدىغان كىشىلەر بولغانلىقىدا ئەمەس. بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىدا" دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى، دۆلەت مەجلىسى تام لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېيمىس مىكگوۋېرىن بولسا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بىز ئۈرۈمچىدىكى سود مەھكىمىلىرىنىڭ ئادىلانە ۋە ھەققانى بولۇشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، بىز ئۆزىمىز گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا ئادىلانە ۋە ھەققانى مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. بىز بىر مۆجىزە يۈز بېرىپ، دۇنيانىڭ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتىش ئولتۇرماسلىقىمىز، ئۆزىمىزنىڭ يۈز ئوبرويى ۋە قىممەت قارىشىنى ساقلىشىمىز لازىم. ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى گېرمانىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى يېتەرلىك ئەمەس. مەن ئامېرىكا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، دەپ قارايمەن."
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى شەرود بروۋېن قۇرۇلتايدا سۆزىدە ۋەكىللەرگە ئۆزىنىڭ يەنە بىر كېڭەش پالاتا ئەزاسى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيەت ۋە دىنىي ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر قارار لاھىيەسى ھازىرلاۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئادالەت ۋە ھەققانىيەت يولىدا بۇ يەرگە توپلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى بروۋېن، "شۇنىڭ ئۈچۈن مەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئىنخاك بىلەن خىتاينى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدىنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىدىغان بىر قارار لاھىيەسى ھازىرلىغانلىقىمنى ئىپتىخارلىق بىلەن ئېلان قىلماقچى،" دەپ ئەسكەرتتى.
قۇرۇلتايدا ۋەكىللەرنىڭ ئەڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن نۇتۇقلارنىڭ بىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ خادىمى كارا ئابرامسوننىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىگەن نۇتىقى بولدى. كارا ئابرامسون نۇتۇقىدا خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر توغرىسىدا ئىشلىگەن خىزمېتى، دۆلەت مەجلىسى ھەم ھۆكۈمەتكە بەرگەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ۋەكىللەرگە تونۇشتۇردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس بىناسىدىكى 3 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، شۇ كۈنى سائەت 2:30 لارغا قەدەر داۋام قىلدى.
قۇرۇلتاينىڭ ئاخىرىدا ۋەكىللەر، ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ۋە چەتئەللىكلەر شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى.