د ئۇ ق ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى مىيۇنخېندا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى ھەمدە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ تەشكىللىشى ۋە ماددىي ياردىمى، گېرمانىيە باۋارىيە ئۆلكىلىك پارلامېنتى يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئاستىدا " ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بۇيىچە تەربىيىلەش كۇرسى" نىڭ 2 ‏ - نۆۋەتلىك يىغىنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى مۇشۇ ئاينىڭ 21 ‏ - كۈنىدىن 23 ‏ - كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، مەزكۈر يىغىن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىۋاستە رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ كۇرسقا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە، ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، نورۋىگىيە، شىۋىتسىيە، شۋېتسارىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە، ياپونىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقاندىن سىرت، كۇرسقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن پروفېسسورلار، مۇتەخەسسىسلەر، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى شۇنىڭدەك پارلامېنت ئەزالىرى،دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، خەلقئارا قانۇن شۇنىڭدەك ئاياللارنىڭ سىياسىي دەۋادىكى رولىنى كۈچلەندۈرۈش ساھەلىرى بۇيىچە دەرس بېرىدۇ ۋە ئەمەلىي مەشغۇلاتلار ئېلىپ بارىدۇ.

كۇرسقا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئىستانسىمىزنىڭ تېلېفۇن زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

بۇ قېتىم كۇرسنىڭ پائالىيەتلىرى داۋامىدا، ئۇيغۇر ئاياللار گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن ئۇچراشقاندىن سىرت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە گېرمانىيىدىكى تارىخىي جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ.

بۇ يىل ميۇنخېن شەھىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 850 يىل توشقان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئۇيغۇر خانىملىرىنىڭ بىر ئارىغا يىغىلىپ ئۆز ‏ - ئارا پىكىرلىشىشى، قانداق قىلىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي داۋاسى يولىدىكى رولىنى كۈچلەندۈرۈش، بولۇپمۇ خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىدىن دەرس ئېلىشىنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.