د ئۇ ق ۋەكىللىرى ب د ت دا پائالىيەتلىرىنى باشلىدى

ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان قازاقىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى 14-ئىيۇلدىن 16-ئىيۇلغىچە جەنۋەدە ئېچىلىدىغان بولۇپ، د ئۇ ق ۋەكىللىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن.

0:00 / 0:00

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى جانا براندت خانىم 13-ئىيۇل جەنۋەگە يېتىپ كېلىپ، ب د ت باش شتابى ئىچىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى جەنۋەدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 13-ئىيۇل كۈنى بولۇپ ئۆتكەن پائالىيەتلەر توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇماتلار بەردى. ئۇ سۆزىدە ب د ت نىڭ تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇملار توغرىلىق مەلۇمات بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى ھەمدە بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.