د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ جەنۋەدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 14-ئىيۇل كۈنى قازاقىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەركىپىدىكى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ 11 نەپەر ۋەكىلى د ئۇ ق قاتارلىق ئونغا يېقىن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، بىر يېرىم سائەتتىن ئارتۇق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سۆھبەت جەريانىدا ھەرقايسى خەلقئارا تەشكىلاتلار قازاقىستاننىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى ئەيىبلىگەندىن سىرت، د ئۇ ق ۋەكىللىرىمۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا تۇتقان ئىنسانىيەتسىز مۇئامىلىلىرىنى ئەيىبلىگەن.
چۈشتىن كېيىن سائەت 13:00 بىلەن باشلانغان بۇ ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، د ئۇ ق ۋەكىللىرى ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ بەزى رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇماتلار بەرگەن. د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ بۇ قېتىم ئېلىپ بارغان مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى، ب د ت پىكىر ئەركىنلىكى كومىتېتى قاتارلىق بىر قىسىم مۇھىم ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقى بولغان.
ئۇلار يەنە ب د ت نىڭ ئىز-دىرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەر كومىتېتى خادىملىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ھازىرغىچە ئۇچۇرى بولمايۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى ھەققىدە دوكلات تەقدىم قىلغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 15-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن بۇرۇن د ئۇ ق ۋەكىللىرى يەنە ب د ت مۇھاجىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنى زىيارەت قىلىپ، ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇتقان پاسسىپ پوزىتسىيىسىنى ئەيىبلىگەن. مەلۇمكى، بۇندىن بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى د ئۇ ق ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق بىر قىسىم تەشكىلاتلار بىرلىشىپ، ئەرشىدىن ئىسرائىل مەسىلىسى تۈپەيلى ب د ت نى ئەيىبلەپ دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى.