دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان، د ئۇ ق باياناتچىسى ئالىم سېيىتوف ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا قاتارلىق كىشىلەر شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشماقتا.
بۇ يىغىنغا 190 ئەتراپىدا دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشماقتا، يىغىندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان خانىم-قىزلارنىڭ مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
بۇ يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن ئالىم سېيىتوف ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ھەيئىتى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى جەنۋەگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئىككى كۈندىن بېرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە د ئۇ ق باياناتچىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.