1 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن بۇيان جەنۋەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان د ئۇ ق ۋەكىللىرى بۇ قېتىمقى يىغىندا غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىنى بىلدۈرۈش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەن.
د ئۇ ق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تېلېفۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، جەنۋەدىكى پائالىيەتلىرى جەريانىدا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىق پوزىتسىيىلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئالاھىدە تەييارلىق قىلغان. ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئائىت ماتېرىيال توپلاش خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن.
ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغۇسى سوئاللارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ جىددىي تەييارلىقىغا كىرىشكەن ۋە ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر مەسىلىسىنىڭ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلماسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە ئۆتكەن.
د ئۇ ق ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ جەرياندا يەنە ،جەنۋەدىكى ھەر ساھە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئاكتىپ ئىش بىرلىكى قۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ خەلقئارالىق تېلېفۇن يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 4 - نۆۋەتلىك يىغىننىڭ 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى باشلىنىدىغان مەخسۇس خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمى ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنىدا، غەرب دۆلەتلىرى ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ بېسىمى بىلەن خىتاي تەرەپنىڭ ئېغىر ۋەزىيەتتە قېلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.