د ئۇ ق ۋەكىللىرى ب د ت يىغىنىدا سۆز قىلدى

3 - ئاۋغۇست كۈنى ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى تەرىپىدىن جەنۋەدىكى باش شىتابىدا " ئىرقىي مەسىلىلەرنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى" باشلانغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن د ئۇ ق ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپكە بىنائەن ئىشتىراك قىلغان.

0:00 / 0:00

8 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە مەخسۇس "خىتايدىكى ئىرقىي مەسىلىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش" مۇزاكىرىسى بولۇپ ئۆتكەن. يىغىنغا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ۋە باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە دوكلات بېرىپ، خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋانلىقلىرىنى پاش قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالاھىدە دىققەتنى تارتقان ۋە ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ جىددىي كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىسىگە ئايلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ب د ت خادىملىرىنىڭ قاتتىق سوراق - سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن. ھەر يىلدىكىگە ئوخشاشلا، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت خادىملىرىنىڭ كۆزىنى بوياشقا تېرىشىپ، ھەر خىل ھېلە - مېكىرلىك ئۇسۇللارنى قوللانغان.

گەرچە، ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 75 - نۆۋەتلىك بۇ يىغىنىدا خىتايغا قارشى كەيپىيات يۇقىرى چەككە يەتكەن بولسىمۇ، ب د ت نامىدىن بىر قارار ماقۇللانمىغان ۋە خىتاي تەرەپنىڭ بەزى مەسىلىلەرگە بېرىدىغان ئەتراپلىق جاۋابلىرىنى كۈتۈش بەلگىلەنگەن.

گىرمانىيىدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم د ئۇ ق نىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىلى دولقۇن ئەيسا بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.